فاتىھ دۆنمەز شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىگە تەبىئىي گاز يەتكۈزۈلىدىغانلىقىنى ئېيتتى
ئېنېرگىيە ۋە تەبىئىي بايلىقلار مىنىستىرى فاتىھ دۆنمەز تۈركىيەنىڭ شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى بىلەن ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدىغان لايىھەلەر رامكىسىدا، دەسلەپكى قەدەمدە ئارالغا سۇيۇقلاندۇرۇلغان تەبىئىي گاز (LNG) يەتكۈزۈلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فاتىھ دۆنمەز ئانتاليادا ئۆتكۈزۈلگەن 11-نۆۋەتلىك تۈركىيە ئېنېرگىيە باشلىقلار يىغىنىدا شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى ئىقتىساد ۋە ئېنېرگىيە مىنىستىرى سۇنات ئاتۇن بىلەن كۆرۈشتى.
مىنىستىر دۆنمەز ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ مۇھىت ئاسرايدىغان ۋە تاشقا ئايلانغان يېقىلغۇنى ئاز ئىشلىتىدىغان ئېنېرگىيە سىستېمىسىغا يۈزلەنگەنلىكىنى ھەمدە بۇ جەھەتتە شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنى قوللايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈپ: «دەسلەپكى قەدەمدە بىز ئۇ يەردىكى ماي ئېلېكتر ئىستانسىسىنى تەبىئىي گازغا ئايلاندۇرۇشنى مۇزاكىرە قىلدۇق. ئىنشائاللاھ ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدىغان لايىھەلەر ئارقىلىق سۇيۇقلاندۇرۇلغان تەبىئىي گاز ئارالغا يەتكۈزۈلگەن بولىدۇ» دېدى.
فاتىھ دۆنمەز شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىدىكى ئېلېكتىر ئاپتوموبىل لايىھەسىنى يېقىندىن كۆزىتىۋااتقانلىقلىرىنى قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى:
«ئېلېكتىر ئاپتوموبىللارنىڭ سىستېمىغا كىرگۈزۈلۈشىگە ئەگىشىپ، ئېلېكتىر ئېھتىياجىمۇ ئاشىدۇ. تۈنۈگۈنكىگە ئوخشاش بۈگۈنمۇ ۋە ئەتىمۇ ئىنشائاللاھ شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىدىكى قېرىنداشلىرىمىزنى قوللاشنى داۋاملاشتۇرىمىز. ئارالنىڭ ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەش بىخەتەرلىكىگە ئېھتىياجلىق لايىھەلەردىمۇ ياردەمچى بولۇشنى داۋاملاشتۇرىمىز.»
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
شىۋېيتسارىيەدە تۈرك ھەپتىلىكى پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلمەكتە
شىۋېيتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىدە تۈرك ھەپتىلىكى پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلمەكتە.
ئەرمېنىيە تۆت يېزىسىنى ئەزەربەيجانغا قايتۇرۇپ بېرىشنى قوبۇل قىلدى
ئەرمېنىيە 1-قاراباغ ئۇرۇشىدا ئىشغال قىلىۋالغان 4 يېزىنى ئەزەربەيجانغا قايتۇرۇپ بېرىشنى قوبۇل قىلدى.