قازاقىستان، تۈركىيە - قازاقىستان بىرلەشمە مانېۋىرلىرىنىڭ بۇرۇنقى كۆرۈنۈشلىرىنى تارقاتتى
قازاقىستان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى، قازاقىستان ۋە تۈركىيە ئەسكەرلىرىنىڭ بۇرۇنقى بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرلىرىنىڭ فوتو – سۈرەتلىرىنى ئورتاقلاشتى.
1732844
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «قازاقىستان- تۈركىيە ھەربىي ھەمكارلىقى» دېگەن نام ئاستىدا ھەمبەھرىلەنگەن فوتو – سۈرەتلەر مىنىستىرلىقنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى بارلىق سۇپىلىرىدا تارقىتىلدى؛ ئۇچۇردا ئىككى دۆلەت ئارمىيەلىرى بىرلىكتە ئېلىپ بارغان «ئانادولۇ-21»، «قىش» قاتارلىق ئوخشىمىغان مانېۋىرلارنىڭ سۈرەتلىرىگە ئورۇن بېرىلدى.
قازاقىستان ۋە تۈرك ئەسكەرلىرىنىڭ مانېۋىر جەريانىدىكى ھەر خىل مۇرەككەپ شارائىتتا ئېلىپ بارغان بىرلەشمە ھەرىكەت پەيتلىرىنى ئەكس ئەتتۈرگەن كۆرۈنۈش ناھايىتى تېزلا ئىجتىمائىي ئالاقە تورى ئابونتلىرىنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
شىۋېيتسارىيەدە تۈرك ھەپتىلىكى پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلمەكتە
شىۋېيتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىدە تۈرك ھەپتىلىكى پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلمەكتە.