ئەزەربەيجان ھاۋا يوللىرى شىركىتى ئەرمېنىيە ھاۋا ساھەسىنى ئىشلىتىشكە باشلىدى

ئەزەربەيجان ھاۋا يوللىرى شىركىتى (AZAL) گە ئائىت ئايروپىلان، باكۇ – نەخچىۋان ئوتتۇرىسىدىكى ئۇچۇشنى ئەرمېنىيە ھاۋا ساھەسىنى ئىشلىتىش ئارقىلىق ئىشقا ئاشۇردى.

1715540
ئەزەربەيجان ھاۋا يوللىرى شىركىتى ئەرمېنىيە ھاۋا ساھەسىنى ئىشلىتىشكە باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: AZAL تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، باكۇ – نەخچىۋان ئىچكى لىنىيەسىدە قاتناۋاتقان ئايروپىلانلارنىڭ بۈگۈندىن ئېتىبارەن ئەرمېنىيە ھاۋا ساھەسىنى ئىشلىتىشكە باشلىغانلىقى، بۇنىڭ، ھەم ئەزەربەيجاننىڭ رايوندىكى قاتناش ئالاقىسىنى ئىشقا كىرىشتۈرۈشكە قارىتا ئىرادىسىنىڭ قەتئىيلىكىنىڭ نامايەندىسى ئىكەنلىكى، ھەمدە بارلىق قوشنا دۆلەتلەرنىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن ئىكەنلىكى تەكىتلىنىپ مۇنداق دېيىلدى: «باكۇ - نەخچىۋان  ئۇچۇش لىنىيەسىنىڭ ئۆزگەرتىلىشى، ئۇچۇش ۋاقتى ۋە يېقىلغۇ سەرپىياتىنى تۆۋەنلىتىدۇ. AZAL بۇ ئارقىلىق، ئۇچۇش جەريانىدا ئەرمېنىيە ۋە ئىراندىن ئۆتىدىغان كارىدورلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق ھاۋا كارىدورلىرىدىن پايدىلىنالايدۇ.»

باكۇ – نەخچىۋان ئوتتۇرىسىدىكى ئايروپىلان سەپەرلىرى، ئىلگىرى ئىران ئارقىلىق ئىشقا ئاشۇرۇلۇۋاتاتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر