ئەزەربەيجان ئارمىيەسى ئەرمېنىيە تەرىپىدىن كۆمۈلگەن مىنالارنى تازىلاشنى داۋاملاشتۇرماقتا

ئەزەربەيجان ئەرمېنىيە تەرىپىدىن كۆمۈلگەن 16 مىڭدىن ئارتۇق مىنا ۋە پارتىلىمىغان قوراللارنى تېپىپ يوقىتىپ تاشلىدى.

1709094
ئەزەربەيجان ئارمىيەسى ئەرمېنىيە تەرىپىدىن كۆمۈلگەن مىنالارنى تازىلاشنى داۋاملاشتۇرماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، ئىشغالىيەتتىن ئازاد قىلىنغان رايونلاردىكى مىنا ۋە پارتلىمىغان قورال-ياراغلارنى تازىلاش خەلقئاراىزمەتلىرىنىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى ئۇقتۇردى.

باياناتتا، تۈرك ئىستىھكام قىسىملىرىنىڭمۇ چارلاپ تازىلاش پائالىيەتلىرىگە قاتناشقانلىقى، تۈركىيەدە ئىشلەنگەن مېخانىكىلىق مىنا تازىلاش ئۈسكۈنىلىرىنىڭمۇ بۇ قېتىمقى پائالىيەتتە ئىشلىتىلگەنلىكى قەيت قىلىندى.

نۇقتىلىق ھالدا تاشيول، دېھقانچىلىق يەرلىرى ۋە ئولتۇراق رايونلاردىكى مىنالارنىڭ تازىلانغانلىقىغا ئىشارەت قىلىنغان باياناتتا، ئىشغالدىن ئازاد قىلىنغان رايونلاردىكى 11 مىڭ 900 گېكتار يەرنىڭ ئىستىھكام قىسىملىرى تەرىپىدىن تازىلانغانلىقى، 16 مىڭدىن ئارتۇق مىنا ۋە پارتىلىمىغان قورال- ياراغلارنىڭ يوقىتىپ تاشلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

مەلۇم بولۇشىچە، ئەزەربەيجان ئازاد قىلغان رايونلاردا ئىشغالىيەت مەزگىلىدە ئەرمېنىيە تەرىپىدىن كۆمۈلگەن نەچچە يۈز مىڭ مىنا بار ئىكەن.

مىنا تازىلاش خىزمىتىنى ئەزەربەيجان مىنا تازىلاش ئىدارىسى ئېلىپ بېرىۋاتقان بولۇپ،  ئەزەربەيجان ئىستىھكام قىسىملىرىمۇ بۇ پائالىيەتلەرگە تۆھپە قوشماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر