تاتار ب د ت باش كاتىپى بىلەن كۆرۈشىدۇ
شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى ئەرسىن تاتار 25 – سېنتەبىر كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى ئانتونيو گۇتېرېش بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ نىيۇ يورك شەھىرىدە زىيارەتتە بولۇۋاتقان تاتار، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 76 – نۆۋەتلىك ئومۇمىي كېڭىشى پائالىيەتلىرىنىڭ نىيۇ يورك شەھىرىدە تۈنۈگۈن باشلانغانلىقىنى، بۇ پائالىيەتلەرگە قاتنىشىش ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى ئانتونيو گۇتېرېش بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن يېتىپ بارغان نىيۇ يورك شەھىرىدە ئىشتىراك قىلغان تۈرك ئۆيىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا، باش كاتىپ بىلەن قىسقىچە كۆرۈشكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «شەنبە كۈنى باش كاتىپ بىلەن ئىككى تەرەپلىك ئۇچرىشىشلار دائىرىسىدە بىر يەرگە جەم بولىمەن، دۈشەنبە كۈنى باش كاتىپ بېرىدىغان چۈشلۈك تاماق زىياپىتىدە، جەنۇبىي قىبرىس رۇم ھاكىمىيىتى رەھبىرى ئاناستاسىئادىس بىلەن كۆرۈشىمەن. شۇنداقلا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي كېڭىشى يىغىنلىرى مۇناسىۋىتى بىلەن نىيۇ يوركتا زىيارەتتە بولۇۋاتقان باشقا دۆلەتلەرنىڭ ۋەكىللىرى، خەلقئارالىق تەشكىلاتلار ۋە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ۋەكىللىرى بىلەنمۇ بىر يەرگە جەم بولىمەن.»
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
شىۋېيتسارىيەدە تۈرك ھەپتىلىكى پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلمەكتە
شىۋېيتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىدە تۈرك ھەپتىلىكى پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلمەكتە.
ئەرمېنىيە تۆت يېزىسىنى ئەزەربەيجانغا قايتۇرۇپ بېرىشنى قوبۇل قىلدى
ئەرمېنىيە 1-قاراباغ ئۇرۇشىدا ئىشغال قىلىۋالغان 4 يېزىنى ئەزەربەيجانغا قايتۇرۇپ بېرىشنى قوبۇل قىلدى.