تۈركىيە - ئەزەربەيجان بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرى داۋاملاشماقتا
تۈركىيە بىلەن ئەزەربەيجان ئارمىيەلىرىنىڭ سۇ ئاستى ھۇجۇمچى كوماندىرلىرىنىڭ باكۇدا ئۆتكۈزۈلگەن بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرىدا تەسۋىرىي دۈشمەن نىشانلىرى بىتچىت قىلىپ تاشلاندى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، مانېۋىرغا قاتناشقان كوماندىر-جەڭچىلەرنىڭ تەسۋىرىي دۈشمەن كۈچلىرىنىڭ تېررورلۇق ۋە بۇزغۇنچىلىق سېلىش گۇرۇپپىلىرىنى بىتچىت قىلىش ۋە ئۇلارنىڭ ۋاقىتلىق بازىسىنى ۋەيران قىلىش ۋەزىپىسىنى ئورۇندىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
باياناتتا، كېمىلەر قاتناشقان مانېۋىردا تەسۋىرىي دۈشمەن نىشانلىرىنىڭ ۋە ۋەزىپىلەرنىڭ ئوڭۇشلۇق ئورۇنلانغانلىقى قەيت قىلىندى.
ئىگىلىنىشىچە، مەزكۇر بىرلەشمە مانېۋىر 12-سېنتەبىرگىچە داۋاملىشىدىكەن.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئەزەربەيجان – ئەرمېنىيە تىنچلىق سۆھبىتى باشلاندى
ئەزەربەيجان بىلەن ئەرمېنىيە ئوتتۇرىسىدىكى تىنچلىق سۆھبىتى قازاقىستاننىڭ ئالماتا شەھىرىدە باشلاندى.
ئەزەربەيجان باش مىنىستىرى تۈركىيەدە زىيارەتتە بولماقتا
ئەزەربەيجان باش مىنىستىرى ئەلى ئەسەدوف تۈركىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولماقتا.