تۈركىيە رۇسىيەنىڭ نەرىمان جەلالنى تۇتۇپ كەتكەنلىكىگە نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە رۇسىيەنىڭ قانۇنسىز ھالدا ئۆزىگە قوشۇۋالغان قىرىمدا، قىرىم تاتار مىللىي مەجلىسى مۇئاۋىن رەئىسى نەرىمان جەلالنىڭ رۇسىيە بىخەتەرلىك قىسىملىرى تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەنلىكىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

1702663
تۈركىيە رۇسىيەنىڭ نەرىمان جەلالنى تۇتۇپ كەتكەنلىكىگە نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى تانجۇ بىلگىچ قىرىم تاتار مىللىي مەجلىسىنىڭ بىرىنچى مۇئاۋىن رەئىسى نەرىمان جەلالنىڭ تۇتۇپ كېتىلىشى ھەققىدىكى سوئالغا يازما جاۋاب قايتۇردى.

تانجۇ بىلگىچ تۈنۈگۈن ئەتىگەندە نەرىمان جەلالنىڭ قىرىمدىكى ئۆيىگە بېسىپ كىرىپ نازارەتكە ئېلىنغانلىقى ۋە نامەلۇم بىر يەرگە ئېلىپ كېتىلگەنلىكىنى، ئۇنىڭدىن تېخىچە ھېچقانداق خەۋەر ئېلىنمىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

تانجۇ بىلگىچ: «ئەھۋاللارنى ئەندىشىلەنگەن ھالدا كۆزىتىۋاتىمىز، نەرىمان جەلال ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە تۇتۇپ كېتىلگەن تۆت قىرىم تاتارىنىڭ بالدۇرراق ئۆيلىرىگە ۋە ئائىلىسىگە قايتۇرىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر