ئۆزبېكىستان 215 مەھبۇسنى كەچۈرۈم قىلدى
ئۆزبېكىستاندا «مۇستەقىللىق بايرىمى» مۇناسىۋىتى بىلەن پىرېزىدېنت شەۋكەت مىرزىيويېۋ تەرىپىدىن ئىمزالانغان قارارنامە ئارقىلىق 215 مەھبۇس كەچۈرۈم قىلىندى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۆزبېكىستان پىرېزىدېنت مەھكىمىسى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئىشخانىسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا بىلدۈرۈلۈشىچە، پىرېزىدېنت شەۋكەت مىرزىيويېۋ، 1 – سېنتەبىر كۈنى تەبرىكلىنىدىغان «ئۆزبېكىستاننىڭ 30 – يىللىقى خاتىرە كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن، «قىلمىشلىرىغا پۇشايمان قىلغان ۋە ئىپادىسى ياخشىلانغان مەھبۇسلار» نىڭ كەچۈرۈم قىلىنىشىغا مۇناسىۋەتلىك قارارنامەنى ئىمزالىغان.
باياناتتا تەكىتلىنىشىچە، قارارنامەگە ئاساسەن كۈچۈرۈم قىلىنىدىغان 215 مەھبۇستىن 142 سى قويۇپ بېرىلىدىكەن، 73 مەھبۇسنىڭ بولسا جازا مۇددىتى قىسقارتىلىدىكەن.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئەزەربەيجان باش مىنىستىرى تۈركىيەدە زىيارەتتە بولماقتا
ئەزەربەيجان باش مىنىستىرى ئەلى ئەسەدوف تۈركىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولماقتا.
ئۆزبېكىستان بىلەن ۋېنگىرىيە ئەركىن ئىقتىسادىي رايون قۇرىدۇ
ئۆزبېكىستاندا ۋېنگىرىيە ۋە ياۋروپا شىركەتلىرى ئۈچۈن ئالاھىدە ئەركىن ئىقتىسادىي رايون قۇرۇلىدۇ.