مۇستاپا شەنتوپ موڭغۇلىيەنىڭ دۆلەت بايرىمىنى  تەبرىكلىدى

تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى) باشلىقى مۇستاپا شەنتوپ موڭغۇلىيە دۆلەت بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن موڭغۇلىيە بۈيۈك دۆلەت مەجلىسى رەئىسى گامبوجاۋ زاندانشاتارنى تەبرىكلىدى.

1673400
مۇستاپا شەنتوپ موڭغۇلىيەنىڭ دۆلەت بايرىمىنى  تەبرىكلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى) باشلىقى مۇستاپا شەنتوپ زاندانشاتارغا يوللىغان تەبرىكنامىسىدا، موڭغۇلىيە خەلق ئىنقىلابىنىڭ 100 يىللىقى ۋە موڭغۇلىيە دۆلەت بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن موڭغۇل خەلقىنى سەمىمىي تۇيغۇلار ئىچىدە تەبرىكلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مۇستاپا شەنتوپ تۈركىيە بىلەن موڭغۇلىيەنىڭ دوستلۇقى ۋە پارلامېنتلار ئارا ھەمكارلىقىنىڭ خەلقلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئورتاق تارىخ ۋە كۈچلۈك مۇناسىۋەت ئاساسىدا ئۆز-ئارا تىرىشىش ئارقىلىق تېخىمۇ تەرەققىي قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقى تەكىتلەپ، «ھۆمەتلىك جانابىڭىز ئارقىلىق موڭغۇلىيە بۈيۈك دۆلەت مەجلىسىنىڭ ھۆرمەتلىك ئەزالىرىغا سالامەتلىك ۋە ئۇتۇقلۇق تىلەيمەن، ھۆرمەت ۋە سالاملىرىمنى يوللايمەن» دېگەن سۆزلەرنى ئىشلەتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر