قازاقىستان تۈركىيەنى غەربكە، ئوتتۇرا شەرققە ۋە ئافرىقاغا ئېچىلغان ئىشىك سۈپىتىدە كۆرىدۇ

قازاقىستاننىڭ ئەنقەرە باش ئەلچىسى ئابزال ساپاربەقۇلى: « تۈركىيە قازاقىستاننى شەرققە ئېچىلىدىغان ئىشىك، قازاقىستانمۇ تۈركىيەنى غەربكە، ئوتتۇرا شەرققە ۋە ئافرىقاغا ئېچىلغان ئىشىك سۈپىتىدە كۆرىدۇ» دېدى.

1655674
قازاقىستان تۈركىيەنى غەربكە، ئوتتۇرا شەرققە ۋە ئافرىقاغا ئېچىلغان ئىشىك سۈپىتىدە كۆرىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قازاقىستاننىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئابزال ساپاربەقۇلى تۈركىيەنىڭ قازاقىستانغا ئەڭ كۆپ مەبلەغ سالغان 10 دۆلەت قاتارىدىن ئورۇن ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «تۈركىيە قازاقىستاننى شەرققە ئېچىلىدىغان ئىشىك، قازاقىستانمۇ تۈركىيەنى غەربكە، ئوتتۇرا شەرققە ۋە ئافرىقاغا ئېچىلغان ئىشىك سۈپىتىدە كۆرىدۇ» دېدى.

ئۇ قازاقىستان ئەلچىخانىسىدا ئېچىلغان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا: «قازاقىستان تۈركىيە ئەھمىيەت بېرىۋاتقان ئوتتۇرا كارىدورنى تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى خالايدۇ» دېدى.

ئۇ مەزكۇر مەسىلىدە، تۈركىيە، قازاقىستان ۋە ئەزەربەيجانغا ئوخشاش دۆلەتلەرنىڭ قاتنىشىشى ئاستىدا بىر يىغىن ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «مەقسىتىمىز قازاقىستان-تۈركىيە مۇناسىۋەتلىرىنى ھەر ساھە بويىچە تەرەققىي قىلدۇرۇش. ئۆتكەن يىلى (2021) قازاقىستاندىكى تۈركىيە مەبلەغلىرى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم يىل بولدى. 2019-يىلىمۇ مۇستەقىللىق تارىخىدىكى ئەڭ كۆپ مەبلەغنى ئۆزىگە جەلپ قىلغان قازاقىستاندا، بۇ رېكورت ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) غا قارىماي يەنە بۇزۇلدى» دېدى.

ئۇ تۈركىيەنىڭ قازاقىستانغا ئەڭ كۆپ مەبلەغ سالغان 10 دۆلەتنىڭ قاتارىدىن ئورۇن ئالىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «تۈركىيە قازاقىستاننى شەرققە ئېچىلىدىغان ئىشىك، قازاقىستانمۇ تۈركىيەنى غەربكە، ئوتتۇرا شەرققە ۋە ئافرىقاغا ئېچىلغان ئىشىك سۈپىتىدە كۆرىدۇ» دېدى.

ئۇ، بۇ يىل (2021) مالاتيا، قەيسەرى، كونيا ۋە مەرسىنگە ئوخشاش شەھەرلەردىكى بەزى شىركەتلەرنىڭ قازاقىستاندا 10 فابرىكا ئېچىشىنى كۈتىدىغانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر