ئەزەربەيجان چېگراسىدىن ئۆتكەن ئەرمېنىيە ئەسكەرلىرى چېكىندۈرۈلدى

ئەزەربەيجان چېگراسى تەۋەلىكىگە كىرگەن 40 قا يېقىن ئەرمەن ئەسكىرىنى چېكىندۈردى.

1650442
ئەزەربەيجان چېگراسىدىن ئۆتكەن ئەرمېنىيە ئەسكەرلىرى چېكىندۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، تۈنۈگۈن كەچتە 40 قا يېقىن ئەرمەن ئەسكەرنىڭ كەلبەجەر ناھىيەسىنىڭ ئارمۇتلۇ يېزىسى تەرىپىدىكى ئەزەربەيجان زېمىنلىرىغا 400 مېتىر ئىچكىرىلەپ كىرگەنلىكى ۋە ئەزەربەيجان ئارمىيەسىنىڭ قورال ئىشلەتمەستىن يولغا قويغان ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرى نەتىجىسىدە چېكىنىپ چىقىپ كەتكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

ئەرمېنىيە ئەسكەرلىرىنىڭ ئەزەربەيجان زېمىنلىرىغا قانۇنسىز كىرىشىگە «ئىغۋاگەرچىلىك پەيدا قىلىش» دەپ باھا بېرىلگەن باياناتتا، بارلىق جاۋابكارلىقنىڭ ئەرمېنىيە تەرەپكە تەۋە ئىكەنلىكى قەيت قىلىندى.

باياناتتا، بۇنىڭغا ئوخشاش ئۇرۇنۇشلارنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ئەزەربەيجان ئارمىيەسىنىڭ قەتئىي قارشىلىق كۆرسىتىشىگە ئۇچرايدىغانلىقى تەكىتلەندى.

مىنىستىرلىق، ئەرمېنىيەنى مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن ھەرىكەت قىلىشقا، قوشنا دۆلەتلەرنىڭ چېگرالىرىغا ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىگە ھۆرمەت قىلىشقا، شۇنداقلا رايوننىڭ ۋەزىيىتىنى جىددىيلەشتۈرۈۋېتىدىغان ئىغۋارگەرچىلىكلەردىن ساقلىنىشقا چاقىردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر