ئەزەربەيجان ئارمىيەسى ئالتە ئەرمەن ئەسكىرىنى ئەسىر ئالدى
ئەزەربەيجان مۇداپىئە مىنىستىرلىقى، كەلبەجەر رايونىدا چېگرادىن ئۆتۈپ ئارقا سەپ يوللىرىغا مىنا ئورۇنلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنغان ئالتە ئەرمېنىيە ئەسكىرىنىڭ ئەسىر ئېلىنغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
1646558
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان مۇداپىئە مىنىستىرلىقى، شۇ جاي ۋاقتى كېچە سائەت 03:00 ئەتراپىدا ئەرمېنىيە ئارمىيەسىنىڭ بىر بۇزغۇنچىلىق سېلىش گۇرۇپپىسىنىڭ كەلبەجەر شەھىرىنىڭ يۇقىرى ئايرىم رايونى چېگرا بويىدىكى ئەزەربەيجان ئارمىيەسى بازىلىرىغا بارىدىغان ئارقا سەپ يولىغا مىنا كۆمۈشكە ئۇرۇنغانلىقىنى ۋە مەزكۇر ئەسكەرلەرنىڭ مۇھاسىرىگە ئېلىنىپ قولغا چۈشۈرۈلگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.