تاجىكىستاندا كەلكۈن سەۋەبىدىن 7 كىشى قازا قىلدى

تاجىكىستاننىڭ تاغلىق رايونلىرىدا قاتتىق يامغۇر كەلتۈرۈپ چىقارغان كەلكۈن سەۋەبىدىن 7 كىشى قازا قىلدى.

1638301
تاجىكىستاندا كەلكۈن سەۋەبىدىن 7 كىشى قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  تاجىكىستان جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش ۋە خەلق مۇداپىئە كومىتېتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، دۆلەتنىڭ تاغلىق رايونلىرىدا تۈنۈگۈن قاتتىق يامغۇرنىڭ كەلكۈنلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

كەلكۈن سەۋەبىدىن تاجىكىستاننىڭ خاتلان، قۇلياب ۋە ھىسار رايونلىرىدا 7 كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقى، بۇ كىشىلەردىن 5 كىشىنىڭ ئاپتوموبىللىرى كەلكۈندە ئېقىپ كېتىش سەۋەبىدىن قازا قىلغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

نۇرغۇن ئۆي ۋە ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشلىرىنىڭ بۇزۇلغانلىقى ھەمدە قۇتقۇزۇش ئەترەتلىرىنىڭ ئاپەت رايونلىرىدىكى خىزمەتلىرىنى داۋاملاشتۇرىۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلدى.

باياناتتا، پىرېزىدېنت ئىمامئەلى راھماننىڭ يوليورۇقى بىلەن تەبىئىي ئاپەت كەلتۈرۈپ چىقارغان زىياننى ئېنىقلاش ۋە بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن باش مىنىستىر قاھىر رەسۇلزودەنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ھۆكۈمەت كومىتېتى قۇرۇلغانلىقى ئېلان قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر