قازاقىستاندىن قىرغىزىستانغا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم

قازاقىستان قىرغىزىستانغا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرى ئەۋەتىدۇ.

1635753
قازاقىستاندىن قىرغىزىستانغا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قازاقىستان پىرېزىدېنت مەھكىمىسى باياناتچىسى بېرىك ئۇئالى، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، قازاقىستان پىرېزىدېنتى قاسىم جۆمەرت توقايېۋنىڭ، قازاقىستان خەلقى نامىدىن قېرىنداش دۆلەت قىرغىزىستانغا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرى ئەۋەتىشنى قارار قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

باياناتتا، قېرىنداشلىق، دوستلۇق ۋە ئىستىراتېگىيەلىك شېرىكلىك پىرىنسىپلىرىغا ئاساسەن، ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم دائىرىسىدە، قىرغىزىستانغا  10 مىڭ توننا ئۇن ئەۋەتىلىدىغانلىقى ۋە قازاقىستان ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەقتە خىزمەت ئىشلەشكە باشلىغانلىقى قەيت قىلىندى.

29 – ئاپرېل كۈنى، قىرغىزىستان – تاجىكىستان چېگراسىدا مەيدانغا كەلگەن قوراللىق توقۇنۇشتىن كېيىن، قىرغىزىستان پىرېزىدېنتى سادىر جاپپاروۋ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشكەن توقايېۋ، قىرغىزىستانغا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى قىلىشقاتەييار ئىكەنلىكلىرىنى بايان قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر