ئۆزبېكىستاننىڭ يەنە ئىككى شەھىرىگە ئىستانبۇلدىن ئايروپىلان ئۇچۇشلىرى باشلىنىدۇ

ئۆزبېكىستان قاتناش مىنىستىرلىقىغا قاراشلىق خەلق ئاۋىئاتسىيە ئىدارىسى تۈركىيە ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ ئىستانبۇلدىن ئۇرگەنچ ۋە فەرغانەگە نۆۋەتچى ئايروپىلان ئۇچۇشلىرىغا ئىجازەت بەردى.

1625304
ئۆزبېكىستاننىڭ يەنە ئىككى شەھىرىگە ئىستانبۇلدىن ئايروپىلان ئۇچۇشلىرى باشلىنىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۆزبېكىستان قاتناش مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، تۈركىيە ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ نۆۋەتتە تاشكەنت ۋە سەمەرقەنتكە قاتناۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلدى ۋە تۈركىيە ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ ئىستانبۇلدىن ئۇرگەنچ ۋە فەرغانەگە قاتنىشىغا رۇخسەر بېرىلگەنلىكى ئۇقتۇرۇلدى.

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ ئالدىنقى ئايدا ئۆزبېكىستاندا ئۇچرىشىشلاردا بولغان ۋە ئۆزبېكىستان تەرەپ بىلەن ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى نۆۋەتچى ئايروپىلانلار سانىنىڭ كۆپەيتىلىشىنى مۇزاكىرە قىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر