قىرغىزىستانلىق يازغۇچى چىڭگىز ئايتماتوۋنىڭ ئايالى كوۋىد-19 سەۋەبىدىن ۋاپات بولدى

تۈركىيەدە «سەلۋى بويلۇق، قىزىل شارپىلىق قىز» ناملىق ئەسىرى بىلەن تونۇلغان ئالەمشۇمۇل شۆھرەتكە ئىگە قىرغىزىستانلىق يازغۇچى چىڭگىز ئايتماتوۋنىڭ 79 ياشلىق ئايالى مارىيا ئايتماتوۋا كوۋىد-19 بىلەن يۇقۇملىنىپ، داۋالىنىۋاتقان دوختۇرخانىدا ۋاپات بولدى.

1625381
قىرغىزىستانلىق يازغۇچى چىڭگىز ئايتماتوۋنىڭ ئايالى كوۋىد-19 سەۋەبىدىن ۋاپات بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مارىيا ئايتماتوۋانىڭ كېلىنى سابىرا ئايتماتوۋا ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدا بىشكەكتىكى كلىنىكىلىق يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسىدا ئېغىر كېسەللەر بىلەن داۋالىنىۋاتقان مارىيا ئايتماتوۋانىڭ قازا قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

سابىرا ئايتماتوۋا: «ئاپام ئاقكۆڭۈل، بىلىملىك ئايال ئىدى، ئائىلىمىز ئۈچۈن ئورنىنى تولدۇرغىلى بولمايدىغان يوقىتىش بولدى» دېدى.

قىرغىزىستان پىرېزىدېنتى سادىر جاپپاروۋمۇ ئېلان قىلغان ئۇچۇرىدا، مارىيا ئايتماتوۋانىڭ ۋاپاتىغا بولغان چوڭقۇر قايغۇسىنى ئىپادىلىدى.

ئەسەرلىرى 157 تىلغا تەرجىمە قىلىنغان چىڭگىز ئايتماتوۋ 2008 - يىلى مايدا بىر رۇسىيە تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ھۆججەتلىك فىلىمىنىڭ سۈرەتكە ئېلىنىشى ئۈچۈن تاتارىستاننىڭ پايتەختى قازانغا بارغان ۋە كېسىلى قوزغىلۇپ، داۋالاش ئۈچۈن گېرمانىيەگە ئاپىرىلغان ئىدى.

چىڭگىز ئايتماتوۋ 2008-يىلى 10-ئىيۇندا داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي گېرمانىيەدە ئالەمدىن ئۆتكەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر