قىرىم تاتارلىرى مىللىي مەجلىسى ئەردوغانغا مىننەتدارلىق بىلدۈردى

قىرىم تاتارلىرى مىللىي مەجلىسىنىڭ باشلىقى رېفات چۇباروۋ قىرىم تاتارلىرى ئۈچۈن ئىمزالانغان تۇرالغۇ لايىھەسى ئۈچۈن جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ مەكتۇپ يوللىدى.

1622141
قىرىم تاتارلىرى مىللىي مەجلىسى ئەردوغانغا مىننەتدارلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: چۇباروۋ، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Facebook سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، قىرىم تاتارلىرى مىللىي مەجلىسى نامىدىن، تۈركىيەنىڭ ئۇكرائىنانىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوغداش ۋە قىرىم تاتارلىرىنىڭ ھەق – ھوقۇقلىرىنى مۇداپىئە قىلىش مەسىلىسىدىكى سەزگۈرلۈكىدىن مىننەتدار ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا 10 – ئاپرېل كۈنى ئىمزالانغان «قىرىم تاتار خەلقىنىڭ ۋەكىللىرى ۋە ئۇكرائىنا مەنپەئەتدارلىرى ئۈچۈن تۇرالغۇ قۇرۇلۇشى ساھەسىدە ھەمكارلىق ئورنىتىشقا دائىر رامكا كېلىشىمى» تۈپەيلى  جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا مەكتۇپ يوللىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

مەكتۇپتا، قىرىم تاتارلىرى مىللىي مەجلىسىنىڭ تۈركىيەنىڭ قىرىمدىن كۆچۈشكە مەجبۇر بولغان قىرىم تاتارلىرىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشى ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلىرىدىن ئىنتايىن مىننەتدار ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

سېلىنغۇسى 500 تۇرالغۇ مەسىلىسىنىڭ قىيىنچىلىقنى پۈتۈنلەي ھەل قىلمايدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن مەكتۇپتا، شۇڭا، تۈركىيەدىن، قوشۇمچە 500 تۇرالغۇ سېلىش مۇمكىنچىلىكى ھەققىدە ئويلىنىپ بېقىشى تەلەپ قىلىندى.

ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر زېلېنىسكىنىڭ 10 – ئاپرېل ئىستانبۇل زىيارىتى دائىرىسىدە، قىرىم تاتارلىرى ئۈچۈن ئۇكرائىنادا  ئاممىۋى ئۆي – مۈلۈك  ئىدارىسى تەرىپىدىن 500 تۇرالغۇ سېلىش توغرىسىدا كېلىشىم ئىمزالانغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر