ئەردوغان تۈرك كېڭىشى يىغىنىدا شۇشا شەھىرىنى زىيارەت قىلىش پىلانىنى ئېلان قىلدى
تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئەزەربەيجاننىڭ ئەرمېنىيە ئىشغالىيىتىدىن ئازاد قىلىنغان شۇشا شەھىرىنى زىيارەت قىلىشنى پىلانلىغانلىقىنى بىلدۈردى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئەزەربەيجاننىڭ ئەرمېنىيە ئىشغالىيىتىدىن ئازاد قىلىنغان شۇشا شەھىرىنى زىيارەت قىلىشنى پىلان قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «روزا ھېيتتىن (13-15-ماي) كېيىن شۇشانى زىيارەت قىلىپ، ئۇ يەردە يېڭى ھېيت ئۆتكۈزۈشنى ئۈمىد قىلىمىز» دېدى.
رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈرك كېڭىشى دۆلەت باشلىقلىرى يىغىنىغا، ئىستانبۇلدىن سىنلىق قاتناشتى.
ئۇ: «دۇنيا دۇچ كەلگەن ئۆزگىرىشلەر، تۈرك كېڭىشىغا ئوخشاش ھەمكارلىق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئەھمىيىتىنى تېخىمۇ ئۆستۈرىدۇ. 12 يىللىق مۇساپىدە سىستېمىلىشىشنى ئاخىرلاشتۇرغان تۈرك كېڭىشىنىڭ خەلقئارالىق ئېتىبارى يۇقىرى. ئەمدى كېڭىشىمىزنى خەلقئارالىق تەشكىلات سۈپىتىدە ئاتاشنىڭ ۋاقتىنىڭ كەلگەنلىكىگە ئىشىنىمەن» دېدى.
ئۇ سۆزىنى مۇنداق داۋاملاشتۇردى:
«ئەزىز قېرىندىشىم ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋنى ۋە بارلىق ئەزەربەيجانلىق قېرىنداشلىرىمنى تاغلىق قاراباغدىكى زەپەرلىرى ئۈچۈن يەنە بىر قېتىم تەبرىكلەيمەن. تاغلىق قاراباغدىكى تۈرك يادىكارلىقلىرىنىڭ قوغدىلىشى ۋە قايتا قۇرۇلۇشى ئۈچۈن بارلىق ئىمكانىيىتىمىز بىلەن ئەزەربەيجاننى داۋاملىق قوللىشىمىز مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە، يەنى روزا ھېيتتىن كېيىن شۇشانى زىيارەت قىلىپ، ئۇ يەردە يېڭى ھېيت ئۆتكۈزۈشنى ئۈمىد قىلىمىز.»
ئۇ قىبرىس مەسىلىسى ئۈستىدىمۇ توختالدى ۋە: «كۈچىمىزنى بىرلەشتۈرۈپ، قىبرىس تۈركلىرىنى لايىق بولغان ئورۇنغا ئىگە قىلىدىغانلىقىمىزغا ئىشىنىمەن» دېدى.
ئۇ تۈرك كېڭىشىنىڭ 8-نۆۋەتلىك رەھبەرلەر يىغىنىنىڭ، ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) شەرتلىرىگە ئەساسەن 2021-يىلى 12-نويابىر ئىستانبۇلدا ئۆتكۈ زۈلۈشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئەزەربەيجان باش مىنىستىرى تۈركىيەدە زىيارەتتە بولماقتا
ئەزەربەيجان باش مىنىستىرى ئەلى ئەسەدوف تۈركىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولماقتا.
ئۆزبېكىستان بىلەن ۋېنگىرىيە ئەركىن ئىقتىسادىي رايون قۇرىدۇ
ئۆزبېكىستاندا ۋېنگىرىيە ۋە ياۋروپا شىركەتلىرى ئۈچۈن ئالاھىدە ئەركىن ئىقتىسادىي رايون قۇرۇلىدۇ.