تۈركىستان؛ تۈرك دۇنياسىنىڭ مەنىۋى پايتەختلىرىنىڭ بىرسى بولۇپ بېكىتىلدى

تۈرك كېڭىشى باشلىقلار يىغىنىنىڭ خۇلاسە دوكلاتىدا، تۈركىستاننىڭ تۈرك دۇنياسىنىڭ مەنىۋى پايتەختلىرىنىڭ بىرى دەپ ئېلان قىلىنغانلىقى ۋە تۈرك دۇنياسىنىڭ باشقا قەدىمكى شەھەرلىرىگىمۇ كەلگۈسىدە مۇشۇنىڭغا ئوخشاش قانۇنلۇق سالاھىيەتلەرنىڭ بېرىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

1612302
تۈركىستان؛ تۈرك دۇنياسىنىڭ مەنىۋى پايتەختلىرىنىڭ بىرسى بولۇپ بېكىتىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈرك كېڭىشى باشلىقلار يىغىنىدا، تۈرك دۇنياسىنىڭ قىممەت قارىشى ۋە مەنپەئەتلىرىنىڭ رايون ۋە خەلقئارادا تېخىمۇ بەك ئېتىراپ قىلىنىشىدا تۈرك كېڭىشنىڭ ئوينايدىغان رولىنى ئاشۇرۇش نىيىتى تەكىتلەندى.

تۈرك كېڭىشى باشلىقلار يىغىنىنىڭ خۇلاسە دوكلاتىدا، تۈركىستان شەھىرىنىڭ تۈرك دۇنياسىنىڭ مەنىۋى پايتەختلىرىدىن بىرى دەپ ئېلان قىلىنغانلىقى ۋە تۈرك دۇنياسىدىكى باشقا سەرخىل قەدىمكى شەھەرلەرگىمۇ بۇنىڭغا ئوخشاش  قانۇنلۇق سالاھىيەت بېرىلىشى ھەققىدە كېلىشىم ھاسىل قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر