رۇسىيە قىرىمئوغلۇنىڭ قىرىمغا كىرىش چەكلىمىسىنىڭ مۇددىتىنى ئۇزارتتى

رۇسىيە قىرىم تاتارلىرىنىڭ مىللىي رەھبىرى ۋە ئۇكرائىنا پارلامېنت ئەزاسى مۇستافا ئابدۇلجەمىل قىرىمئوغلۇنىڭ قىرىمغا كىرىش چەكلىمىسىنىڭ مۇددىتىنى ئۇزارتتى.

1596292
رۇسىيە قىرىمئوغلۇنىڭ قىرىمغا كىرىش چەكلىمىسىنىڭ مۇددىتىنى ئۇزارتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئادۋوكات نىكولاي پولوزوۋ، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Facebook سەھىپىسىدە، بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، قىرىمغا قاراشلىق ئارمانسك شەھىرىدە قىرىمئوغلۇ ئۈستىدىن ئېچىلغان ئىسپات ئاڭلاش سوتىدا، رۇسىيە فېدېراتسىيەسى دۆلەت بىخەتەرلىك ئورگىنىنىڭ، قىرىمئوغلۇنىڭ قىرىم يېرىم ئارىلىغا كىرىش چەكلىمىسىنى، 2019 – يىلى، 5 – مارت كۈنى 15 يىللىققا ئۇزارتقانلىقىدىن خەۋەر تاپقانلىقلىرىنى تەكىتلىدى.

قىرىمئوغلۇ، بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «بۇ ھۆكۈمنىڭ ئەمەلىيەتتە ھېچقانداق ئەھمىيىتى يوق. چۈنكى 2034-يىلى، مەنمۇ بولمايمەن، ئىشغالىيەتمۇ بولمايدۇ، مېنىڭچە ئۇلارنىڭ مەقسىتى، جەسىتىمنى ئۇ يەرگە كىرگۈزمەسلىكتەك قىلىدۇ، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدىمۇ ئەھۋال مۇشۇنداق ئىدى، تۈرمىدە بىر مەھبۇس ئۆلگەندە، تاكى ئۆلگەنگە قەدەر جەسىتى بېرىلمەيتتى، بۇ قارارمۇ دەل شۇنىڭغا ئوخشايدۇ.»

رۇسىيە، قىرىم ۋە سىۋاستوپولنى 2014 – يىلى قانۇنسىز شەكىلدە بېسىۋالغانىدى. قىرىم تاتارلىرى ئارىسىدا ئادەتتىن تاشقىرى دەرىجىدە خەتەرلىك دەپ قارالغانلار تۈرمىگە تاشلانغان ۋە ئۇلارنىڭ قىرىم ئارىلىغا كىرىشى چەكلەنگەنىدى.

قىرىم تاتارلىرى رەھبىرى مۇستافا ئابدۇلجەمىل قىرىمئوغلۇ  ۋە قىرىم تاتارلىرىنىڭ ئىرادىسىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان قىرىم تاتارلىرى مىللىي مەجلىسىنىڭ باشلىقى رېفات چۇباروۋغا، قىرىم يېرىم ئارىلىغا كىرىش چەكلىمىسى قويۇلغانىدى.

قىرىم تاتارلىرى مىللىي مەجلىسى، «ئاشقۇن تەشكىلات» دائىرىسىگە كىرگۈزۈلۈپ، پائالىيەتلىرى چەكلەنگەن، مەجلىس بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋىتى بولغان 2 مىڭ 500 تاتار ۋە بۇلار بىلەن ئالاقىسى بار كىشىلەرنىڭ ھەممىسىگە «ئاشقۇن تەشكىلات ئەزاسى» قالپىقى كىيدۈرۈلگەنىدى.

رۇسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بېسىمى سەۋەبىدىن، مىڭلارچە قىرىم تاتارلىرى قىرىم يېرىم ئارىلىنى تەرك ئېتىشكە مەجبۇر بولغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر