قازاقىستاندىكى سايلاملارنىڭ غەيرىي رەسمىي نەتىجىلىرى تۆۋەندىكىچە:

قازاقىستاندا ئۆتكۈزۈلگەن پارلامېنت ئەزالىرى سايلىمىدا، ھاكىمىيەت  بېشىدىكى نۇر ئوتان پارتىيەسى بىرىنچى ئورۇنغا ئۆتتى.

1561068
قازاقىستاندىكى سايلاملارنىڭ غەيرىي رەسمىي نەتىجىلىرى تۆۋەندىكىچە:

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دېموكراتىيە ئىنستىتۇتى تەرىپىدىن شەھەرلەردە 263 ۋە  يېزىلاردا 237 بولۇپ، جەمئىي 500 ساندۇقتا ئېلىپ بېرىلغان تەكشۈرۈش نەتىجىلىرىگە ئاساسلانغاندا،  ھاكىمىيەت بېشىدىكى نۇر ئوتان پارتىيەسى %72.1 ئاۋازغا ئېرىشىپ، بىرىنچى ئورۇنغا ئۆتكەن. ئاق يول دېموكراتلار پارتىيەسى %10.27 ئاۋازا ئېرىشىپ ئىككىنچى ۋە قازاقىستان خەلق پارتىيەسى %9.54 ئاۋازغا ئېرىشىپ ئۈچىنچى بولغان.

تەكشۈرۈشكە 20 مىڭ سايلىغۇچى قاتناشقان.

جامائەت پىكرى تەتقىقات ئورنى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان يەنە بىر تەكشۈرۈشكە ئاساسلانغاندا، نۇر ئوتان پارتىيەسى %71.97 ئاۋازغا ئېرىشىپ بىرىنچى بولغان، ئاق يول دېموكراتلار پارتىيەسى %10.18 ئاۋازغا ئېرىشىپ ئىككىنچى ۋە  قازاقىستان خەلق پارتىيەسى %9.03 ئاۋازغا ئېرىشىپ ئۈچىنچى بولغان.

بۇ ئارىلىقتا قازاقىستاننىڭ قۇرغۇچى پىرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نازاربايېۋ بېلەت تاشلاش تەكشۈرۈشى نەتىجىسىدىن كېيىن، پايتەختتىكى نۇر  ئوتان پارتىيەسىنىڭ سايلام مەركىزىنى زىيارەت قىلدى.

گەرچە نازاربايېۋ 2019 - يىلى 19 - مارتتا پرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بەرگەن بولسىمۇ، ھاكىمىيەت بېشىدىكى نۇر ئوتان پارتىيەسىنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە.

قازاقىستان مەركىزى سايلام كومىتېتى بېلەت تاشلاش نىسبىتىنىڭ شۇ يەرنىڭ ۋاقتى 22:00 گىچە %63.3 كە يەتكەنلىكىنى ئېلان قىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر