خىتاي ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا غايەت زور تەبىئىي گاز زاپىسى بايقىدى

خىتاي ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا 109 مىليارد كۇب مېتىر تەبىئىي گاز زاپىسى بايقىدى.

1548974
خىتاي ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا غايەت زور تەبىئىي گاز زاپىسى بايقىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «يەر شارى ۋاقىت گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، خىتاينىڭ «PetroChina» شىركىتى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى شۆبىسىنىڭ باش دېرىكتورى خۇ سىن ئۇيغۇر رايونىدىكى جۇڭغار ئويمانلىقىنىڭ جەنۇبىدا ئېلىپ بېرىلغان تۇنجى قېتىملىق بۇرغىلاشتا 109 مىليارد كۇب مېتىر تەبىئىي گاز زاپىسى تېپىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

خۇ فامىلىلىكنىڭ ئېيتىشىچە، تەبىئىي گاز بايقاش رايونى ئويمانلىقنىڭ جەنۇبىدىكى 156 كۋادرات كىلومېتىر جاينى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، بايقالغان زاپاسلاردىن ھەر كۈنى 610 مىڭ كۇب مېتىر تەبىئىي گاز ۋە 106.3 كۇب مېتىر خام نېفىت چىقىرىشنى ئۈمىد قىلىدىكەن.

دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ ئېنېرگىيە ئىستېمالچىسى بولغان خىتايغا قاراشلىق غەربىي شىمالىدىكى ئۇيغۇر رايونى نېفتتىن باشقا يەنە، ئالتۇن، پىلاتىنا، كۈمۈش، ئۇران ۋە كۆمۈر قااتارلىق نۇرغۇنلىغان يەر ئاستى بايلىقلارغا ئىگە.

خىتاينىڭ «PetroChina» شىركىتى 2019 - يىلى ئۆكتەبىردىمۇ ئۇيغۇر رايونىنىڭ جەنۇبىدا ئېلىپ بارغان بايقاشلىرى جەريانىدا 115 مىليارد 300 مىليون كۇب مېتىر تەبىئىي گاز زاپىسىنى تاپقان ئىدى.


خەتكۈچ: #ئۇيغۇر , #خىتاي

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر