تۈرك كېڭىشى ئامېرىكاغا قارشى تۈركىيەنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىي تىلدا سۆزلىشىدىغان دۆلەتلەر ھەمكارلىق كېڭىشى (تۈرك كېڭىشى) ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئېمبارگو قارارىغا قارشى تۈركىيەنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1546258
تۈرك كېڭىشى ئامېرىكاغا قارشى تۈركىيەنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈرك كېڭىشىنىڭ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە ئېلان قىلىنغان باياناتتا ئەسكەرتىلىشىچە، باش كاتىپ ياردەمچىسى قىسمەت گۈزەلوۋ، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ تۈركىيەگە ئېمبارگو يۈرگۈزۈش قارارىغا قارشى ئەنقەرەنى قوللايدىغانلىقلىىرنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېگەن: «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ تۈركىيەگە بىر تەرەپلىمىلىك ھالدا ئېمبارگو يۈرگۈزۈش توغرۇلۇق قارار چىقىرىشى ھەقسىزلىقتۇر. تۈركىيەنىڭ يېنىدىمىز. تۈركىيەنىڭ بۇ مەسىلىگە دىيالوگ ۋە دىپلوماتىيە يولى دائىرىسىدە ئوبيېكتىپلىق، رېئاللىق ۋە سىياسىي بىتەرەپلىك نۇقتىسىدىن قارىشىنى قوللايمىز.»

ئەنقەرە رۇسىيەدىن «400 - س» باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئە سىستېمىسى سېتىۋالغانلىقى سەۋەبىدىن، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تۈركىيەگە بىر قىسىم ئېمبارگولارنى يۈرگۈزۈش قارارى چىقارغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر