ئەردوغان 9-دېكابىردىن 10-دېكابىرغىچە ئەزەربەيجاندا زىيارەتتە بولىدۇ

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان 9-دېكابىردىن 10-دېكابىرغىچە ئەزەربەيجاننىڭ پايتەختى باكۇدا زىيارەتتە بولىدۇ.

1538974
ئەردوغان 9-دېكابىردىن 10-دېكابىرغىچە ئەزەربەيجاندا زىيارەتتە بولىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان پايتەخت باكۇدىكى زىيارىتى جەريانىدا ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ بىلەن كۆرۈشىدۇ.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ بىلەن ئەزەربەيجان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جەيھۇن بايراموۋ ئوتتۇرىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەتتە، قاراباغدىكى جەريانلار ئانالىز قىلىنغان ۋە جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ ئەزەرنەيجان زىيارىتىگە مۇناسىۋەتلىك تەپسىلاتلار مۇزاكىرە قىلىنغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر