ئەزەربەيجاندا 10 - نويابىر كۈنى «زەپەر بايرىمى» ئېلان قىلىندى

ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ، ئەرمېنىيەنىڭ مەغلۇبىيىتىنى قوبۇل قىلغان كېلىشىمگە ئىمزا قويغان 10 – نويابىر كۈنىنى «زەپەر بايرىمى» ئېلان قىلدى.

1538324
ئەزەربەيجاندا 10 - نويابىر كۈنى «زەپەر بايرىمى» ئېلان قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى بايانات ئېلان قىلىپ، پىرېزىدېنت ئىلھام ئەلىيېۋنىڭ 10 – نويابىر كۈنىنىڭ «زەپەر بايرىمى» ئېلان قىلىنىشى ۋە بۈ كۈننى ھەر يىلى تەبرىكلەش توغرىسىدا قارار ماقۇللىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ئەلىيېۋ يەنە ئەزەربەيجان ئارمىيەسىنىڭ ئىشغال ئاستىدىكى زېمىنلارنى ئازاد قىلىش ھەربىي ھەرىكىتى باشلانغان 27 – سېنتەبىرنى «شېھىتلەرنى خاتىرىلەش بايرىمى» دەپ بېكىتتى.

ئەزەربەيجان ئارمىيەسىنىڭ 44 كۈن داۋاملاشقان ھەربىي ھەرىكىتى نەتىجىسىدە بەش شەھەر مەركىزى، تۆت بازار ۋە 286 يېزا ئازاد قىلىنغاندىن كېيىن، ئەرمېنىيە مەغلۇبىيىتىنى ئېتىراپ قىلغانىدى.

ئەرمېنىيەنىڭ ئىشغالى ئاستىدىكى ئاغدام، لاچىن ۋە كەلبەجەر ۋىلايەتلىرىدىنمۇ چېكىنىدىغانلىقىنى مەزمۇن قىلغان كېلىشىم 10 – نويابىردا ئىمزالانغانىدى.

پايتەخت باكۇدا ئەزەربەيجان ئارمىيەسى قولغا كەلتۈرگەن غەلىبە مۇناسىۋىتى بىلەن ھەربىيلەرنىڭ پاراتتىن ئۆتۈش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلىدۇ.

باكۇنىڭ داڭلىق ئازادلىق مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان مۇراسىمدا ئەزەربەيجان ئارمىيەسىنىڭ ئەرمېنىيە ئارمىيەسىدىن ئولجا ئالغان بىرونىۋېك ۋە باشقا قوراللار كۆرگەزمە قىلىنىدۇ. مۇراسىمنىڭ ۋاقتى توغرىسىدا تېخى رەسمىي بايانات ئېلان قىلىنمىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر