تۈرك ئالىم ئەزىز سانجار ئەزەربەيجانلىق يېتىم قىزنىڭ ئوقۇشىغا ئىقتىسادى ياردەم قىلدى
نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن تۈرك ئالىم ئەزىز سانجار ئەرمىنىيەنىڭ باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا بىلەن گەنجە شەھىرىگە قىلغان ھۇجۇمىدا ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىلغان خەتىجە شاھنەزەروۋانىڭ ئۇقۇشى ئۈچۈن ئىقتىسادىي ياردەمدە بولدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان دۆلەت خەۋەر ئاگېنتلىقى (AZERTAC) نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئەزىز سانجار ئەزەربەيجاننىڭ گەنجە شەھىرىگە ئەرمېنىيە ئاتقان باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھەققىدىكى خەۋەرلەردىن تەسىرلەنگەن ۋە ئۇرۇشتا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان بالىلارنىڭ مائارىپى ئۈچۈن فوند تەسىس قىلىشنىڭ پايدىلىق بولىدىغانلىقى ھەققىدىكى تەكلىپىنى سۇنغان.
خەۋەردە ئامېرىكادا تۇرۇشلۇق تۈرك ئالىم ئەزىز سانجارنىڭ 17 - ئۆكتەبىردە ئەرمېنىيەنىڭ گەنجەگە قىلغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمىدا ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىلغان 3 ياشلىق خەتىجەنىڭ ئوقۇشى ئۈچۈن ئېچىلغان ھېسابقا ئىئانە يوللىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
تاغلىق قاراباغدا توقۇنۇش داۋام قىلىۋاتقان پەيتتە، ئەرمېنىيە گەنجە شەھىرىگە ئىككى قېتىم باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمى قىلغان بولۇپ، ھۇجۇمدا 26 پۇقرا قازا قىلغان ئىدى.
17 – ئۆكتەبىردىكى ھۇجۇمدا، خەتىجە بىنا خارابىلىقلىرى ئاستىدىن قۇتقۇزىۋىلىنغان ۋە ئاتا – ئانىسى شۇنداقلا بىر يېرىم ياشلىق سىڭلىسى قازا قىلغان ئىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئەزەربەيجاندا 5.2 بال يەر تەۋرىدى
ئەزەربەيجان يەر تەۋرەش مۇلازىمەت مەركىزى يەر تەۋرەش ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى.
ئەزەربەيجان – ئەرمېنىيە تىنچلىق سۆھبىتى باشلاندى
ئەزەربەيجان بىلەن ئەرمېنىيە ئوتتۇرىسىدىكى تىنچلىق سۆھبىتى قازاقىستاننىڭ ئالماتا شەھىرىدە باشلاندى.