ئەرمېنىيە قىسىملىرى چېكىنىش جەريانىدا ئاغدامنىڭ ھەممە يېرىنى ۋەيران قىلدى

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئەرمېنىيەنىڭ ئاغدامدىن چېكىنىش جەريانىدا رايوننى كۆيدۈرۈپ ۋەيران قىلغانلىقىغا دائىر كۆرۈنۈشلەرنى ھەمبەھىرلىدى.

1531960
ئەرمېنىيە قىسىملىرى چېكىنىش جەريانىدا ئاغدامنىڭ ھەممە يېرىنى ۋەيران قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تىۋىتتېر ھېسابىدا، 1993 - يىلى ئىشغال قىلىنغان ئاغدامدىن ئەرمېنىيە قوراللىق كۈچلىرى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ تەقەزززاسى بويىچە چىكىنىپ چىققاندىن كېيىنكى رايوننىڭ ئەڭ يېڭى ئەھۋالىغا ئائىت سىنلىق كۆرۈنۈشلەرنى ھەمبەھىرلىدى.

ھەمبەھىرلەنگەن ئۇچۇردا، «باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا بىلەن خەلق ئولتۇراق رايونلىرىنى ھۇجۇم نىشانى قىلغان ۋە كېچىدە ئۇيقۇدىكى بوۋاقلارنىمۇ ئۆلتۈرگەن ئەرمېنىيە قىسىملىرى، ئاغدامدىن چېكىنىش جەريانىدىمۇ ھەممە يەرنى ۋەيران قىلدى. كەنت جامىسىدە ئوقۇلغان تۇنجى ئەزان بىلەن ئاغدامنى ياشاشقا بولىدىغان جايغا ئايلاندۇرۇش تىرىشچانلىقى باشلاندى» دېيىلدى.

ئاغدامدىكى ۋەيران بولغان بىنالارنىڭ كۆرۈنۈشلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سىندا يەنە، كەنت جامەسىدە تۇنجى ئەزان ئوقۇلغان كۆرۈنۈشلەرگىمۇ ئورۇن بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر