ئەرمېنىيە مەغلۇبىيىتىنى ئېتىراپ قىلدى

ئەرمېنىيە تاغلىق قاراباغدا ئەزەربەيجانغا يېڭىلىپ قالغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى

1524854
ئەرمېنىيە مەغلۇبىيىتىنى ئېتىراپ قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەرمېنىيە باش مىنىستىرى نىكول پاشىنيان ئىجتىمائىي تاراتقۇ ئارقىلىق بايانات بېرىپ، «رۇسىيە ۋە ئەزەربەيجان بىلەن (تاغلىق قاراباغدىكى) ئۇرۇشقا خاتىمە بېرىش توغرىسىدا كېلىشتۇق» دېدى.

پاشىنياننىڭ باياناتىدىكى «رۇسىيە لىدېرى ۋىلادىمىر پۇتىن ۋە ئەزەربەيجان لىدېرى ئىلھام ئەلىيېۋ بىلەن ئۇرۇش توختىتىش توغرىسىدا بىرلەشمە كېلىشىم ئىمزالىدۇق. باشقا تاللىشىم يوق ئىدى، بۇ مەن ۋە ئەرمېنىيە خەلقى ئۈچۈن ئىنتايىن ئازابلىق بىر ئىش» دېگەن ئىبارىلەر دىققەتنى تارتتى.

ئەرمېنىيە باش مىنىستىرى باياناتىدا، «قارارىم چوڭقۇر تەھلىل قىلىش ۋە ھەربىي ۋەزىيەتنى بىلىدىغان كىشىلەرنىڭ پىكىرلىرىگە ئاساسەن  چىقىرىلدى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

خەلقنىڭ ئۆزىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ نامايىش ئۆتكۈزگەنلىكى توغرىسىدىمۇ توختالغان پاشىنيان، «خەلقنى ئىسيان كۆتۈرۈشكە چاقىرغان بارلىق كىشىلەر قانۇننىڭ ئالدىدا ھېساب بېرىدۇ» دېدى.

بۇ جەرياندا، ئەرمېنىيەدە ، بولۇپمۇ پايتەخت ئەرىۋاندا پاشىنيانغا قارشى نامايىشلار داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ، بۇنىڭدىن بۇرۇن ھۆكۈمەت بىناسىغا بېسىپ كىرگەن نامايىشچىلار، بۇ قېتىم پارلامېنت بىناسىغا كىرىپ باش مىنىستىرغا قارشى شوئارلارنى توۋلىدى.

پارلامېنت سۇپىسىغا چىققان بىر قىسىم نامايىشچىلار، قاراباغدىكى توقۇنۇشنى داۋاملاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلدى.

ئەزەربەيجان ئارمىيەسى 27- سېنتەبىردە تاغلىق قاراباغدىكى 30 يىللىق ئەرمېنىيە ئىشغالىيىتىگە خاتىمە بېرىش ئۈچۈن ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشقا باشلىغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر