ئەزەربەيجان ئارمىيەسى 16 – يېزىنى ئازاد قىلدى

ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ  ئەزەربەيجان ئارمىيەسىنىڭ يەنە 16 يېزىنى ئەرمېنىيەنىڭ ئىشغالىيىتىدىن ئازاد قىلغانلىقىنى جاكارلىدى.

1523519
ئەزەربەيجان ئارمىيەسى 16 – يېزىنى ئازاد قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەلىيېۋ، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە، بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «غالىب ئەزەربەيجان ئارمىيەسى، فۇزۇلۇنىڭ ئۈستۈن ۋەيسەللى، ئۈستۈن سېيىتئەھمەدلى، گورگان، ئۈچىنچى مەھمۇدلۇ، گاجار، ۋىدانالىلار، جەبرايىلنىڭ ئۈستۈن مەزرە ۋە نايارخاج، گۇبادلىنىڭ گەزيان، بالاسولتانلى ۋە مەردانلى، زەنگىلاننىڭ بەشدەلى، خوجالىنىڭ قارابۇلاق ۋە موشمائات، خوجاۋەندنىڭ ئاتاگۇت ۋە تساقۇرى يېزىلىرىنى ئىشغالدىن ئازاد قىلدى. ياشىسۇن ئەزەربەيجان ئارمىيەسى! قاراباغ ئەزەربەيجاندۇر.»

ئەزەربەيجان ئارمىيەسى، تاغلىق قاراباغدا 27 – سېنتەبىر كۈنى قوزغىغان ھەربىي ھەرىكىتى داۋامىدا، 4 شەھەر مەركىزى، 3 يېزا ۋە 200 دىن ئارتۇق كەنت ھەم بىر قىسىم مۇھىم ئېگىزلىكلەرنى ئەرمېنىيەنىڭ ئىشغالىيىتىدىن ئازاد قىلىنغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر