ئەرمېنىيە ئارمىيەسىنىڭ بىر ئاپتوموبىل ئەترىتى بىتچىت قىلىندى

ئەزەربەيجان ئارمىيەسى ئىشغال ئاستىدىكى زېمىنلىرىنى ئازاد قىلىش ئۈچۈن باشلىغان ھەربىي ھەرىكەتتە، ئەرمېنىيە ئارمىيەسىنىڭ بىر ئاپتوموبىل ئەترىتىنى بىتچىت قىلدى.

1520059
ئەرمېنىيە ئارمىيەسىنىڭ بىر ئاپتوموبىل ئەترىتى بىتچىت قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئەرمېنىيە ئارمىيەسىنىڭ بىر ئاپتوموبىل ئەترىتىنىڭ بىتچىت قىلىنغانلىقى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا، 31-ئۆكتەبىر (2020) شۇ يەر ۋاقتى 17:00 ئەتراپىدا خوجاۋەند لىنيەسىدە ھەرىكەت قىلىۋاتقان ئەرمېنىيە ئارمىيەسىنىڭ بىر ئاپتوموبىل ئەترىتى بايقالغاندىن كېيىن، ھاۋادىن ۋە زەمبىرەك بىلەن بومباردىمان قىلىنىپ بىتچىت قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئەزەربەيجان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بومباردىماننىڭ سىن كۆرۈنۈشلىرىنى تاراتقۇلاردا تارقاتتى.

بومباردىمان قىلىنغان ئاپتوموبىل ئەترىتىدە، تاغلىق قاراباغدا ئەرمېنىيەنىڭ نامدىكى ھۆكۈمەتنىڭ باشلىقى ئارايىك ھارۇتيۇنياننىڭمۇ بارلىقى ئەسكەرتىلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر