خۇلۇسى ئاقار ئۆزبېكىستان پىرېزىدېنتى بىلەن كۆرۈشتى
دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقار ئۆزبېكىستان پىرېزىدېنتى شاۋكەت مىرزىيويېۋ بىلەن كۆرۈشتى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقار ئۆزبېكىستاننىڭ پايتەختى تاشكەنتتىكى رەسمىي زىيارىتى جەريانىدا، ئۆزبېكىستان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى باھادىر قۇربانوۋ ۋە بىخەتەرلىك كېڭىشى باش كاتىپى ۋىكتور مەھمۇدوۋ بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن پىرېزىدېنتلىق سارىيىغا باردى.
خۇلۇسى ئاقار ئۆزبېكىستان پىرېزىدېنتى شاۋكەت مىرزىيويېۋ تەرىپىدىن قوبۇل قىلىندى.
خۇلۇسى ئاقار ئۇچرىشىشتىن كېيىن، ئۆزبېكىستان مۇخبىرلىرىغا بەرگەن باياناتىدا، «ئاتايۇرتى» دەپ قارايدىغان ئۆزبېكىستاندا زىيارەتتە بولغانلىقىدىن ئىنتايىن خۇشاللىق ھېس قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.
ئۆزبېكىستاندا مۇھىم ۋە مەنىلىك بىر زىيارەت ئۆتكۈزگەنلىكىنى بىلدۈرگەن خۇلۇسى ئاقار: «بىز ناھايىتى ئىجابىي سۆھبەتلەردە بولدۇق» دېدى.
مىنىستىر ئاقار ئۇچرىشىشنىڭ تولىمۇ ئىجابىي بولغانلىقىنى، ھەربىي – تەلىم تەربىيە ۋە ھەمكارلىقتىن باشقا يەنە، مۇداپىئە سانائىتى تېمىلىرىنىمۇ مۇزاكىرە قىلغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.
خۇلۇسى ئاقار ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا كۈچلۈك قېرىنداشلىق رىشتىلىرىنى ئاساس قىلغان ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنىڭ بارلىقىنى تىلغا ئېلىپ، بىر-بىرىنى ياخشى كۆرىدىغان ئىككى دۆلەت ۋە خەلق بولۇش سۈپىتى بىلەن، مۇناسىۋەتلەرنى تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقانلىقلىرىنى بىلدۈردى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئەزەربەيجان – ئەرمېنىيە تىنچلىق سۆھبىتى باشلاندى
ئەزەربەيجان بىلەن ئەرمېنىيە ئوتتۇرىسىدىكى تىنچلىق سۆھبىتى قازاقىستاننىڭ ئالماتا شەھىرىدە باشلاندى.
ئەزەربەيجان باش مىنىستىرى تۈركىيەدە زىيارەتتە بولماقتا
ئەزەربەيجان باش مىنىستىرى ئەلى ئەسەدوف تۈركىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولماقتا.