ئەزەربەيجان ئەرمېنىيە ئەسكەرلىرىنى چېكىندۈردى
ئەزەربەيجان ئارمىيەسى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە قارىماي ئالدىنقى سەپ لىنىيەسىنىڭ ئوخشىمىغان يۆنىلىشلىرىدە ئەزەربەيجان ئەسكەرلىرى ۋە ئولتۇراق رايونلىرىغا ھۇجۇم قىلغان ئەرمېنىيە ئەسكەرلىرىگە قايتۇرما زەربە بەردى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، توقۇنۇشلار ئاساسلىقى ئالدىنقى سەپ لىنىيەسىنىڭ خوجاۋەند، فۇزۇلى ۋە گۇبادلى يۆنىلىشلىرىدە داۋاملاشقان بولۇپ، ئەزەربەيجان ئارمىيەسى ئەرمېنىيە ئارمىيەسىنىڭ ھۇجۇم تەشەببۇسلىرىغا تاقابىل تۇرغان، ئەرمېنىيە ئەسكەرلىرى ئېغىر تالاپەتكە ئۇچراپ چېكىنىشكە مەجبۇر بولغان.
ئەرمېنىيە ئارمىيەسىنىڭ 18-موتورلۇق پىيادە ئەسكەرلەر دېۋىزىيەسىنىڭ ئالدىنقى باشقۇرۇش قاراۋۇلخانىسى ئەزەربەيجان ئارمىيەسى تەرىپىدىن ۋەيران قىلىنغان بولۇپ، ئۆلگەن ئەرمېنىيە ئەسكەرلىرى ئارىسىدا دىۋىزىيەنىڭ خىزمەتچى - خادىملار بۆلۈمىنىڭ باشلىقىمۇ بار ئىكەن.
ئالدىنقى سەپ لىنىيەسىنىڭ ئوخشىمىغان يۆنىلىشلىرىدە، ئەرمېنىيە ئارمىيەسىگە ئائىت بىر دانە «T-72» تىپلىق تانكا، 4 دانە «D-30» ۋە « D-20» تىپلىق «بوران – چاپقۇن» ناملىق شراپنېل ئاتىدىغان زەمبىرەك، بىر دانە «Osa» تىپلىق زېنىت توپ، بىر دانە گراند باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسى، بىر رادار ئىستانسىسى ۋە 6 دانە ئاپتوموبىل پاچاقلاپ تاشلانغان، كۆپ ساندا ئسكەر بىر تەرەپ قىلىنغان.
باياناتتا تەكىتلىنىشىچە، ئالدىنقى سەپ لىنىيەسىدە ۋەزىيەت تامامەن ئەزەربەيجان ئارمىيەسىنىڭ كونتروللۇقىدا ئىكەن.
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تەرىپىدىن، ئەزەربەيجان بىلەن ئەرمېنىيەنىڭ ھاسىل قىلغانلىقى ئېلان قىلىنغان، تاغلىق قاراباغدا ئىنسانپەرۋەرلىك مەقسىتىدە ۋاقىتلىق ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى، 26 – ئۆكتەبىر كۈنى شۇ جاي ۋاقتى ئەتىگەن سائەت 8 دە كۈچكە ئىگە بولغانىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
شىۋېيتسارىيەدە تۈرك ھەپتىلىكى پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلمەكتە
شىۋېيتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىدە تۈرك ھەپتىلىكى پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلمەكتە.