ئەرمېنىيە كۈچلىرى بىر قىسىم  مۇھىم نۇقتىلاردىن چېكىندى

ئەزەربەيجان ئارمىيەسىنىڭ مۇداپىئە لىنىيەسىگە توپ ۋە مىناميوتلار ئارقىلىق ھۇجۇم  قىلغان  ئەرمېنىيە كۈچلىرى گۇبادلى يۆنىلىشىدىكى بىر قىسىم مۇھىم ئېگىزلىكلەر ۋە ھەربىي نۇقتىلاردىن ئېغىر تالاپەتكە ئۇچرىغان ھالدا چېكىندى.

1513800
ئەرمېنىيە كۈچلىرى بىر قىسىم  مۇھىم نۇقتىلاردىن چېكىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تۈن بويى ئاغدەرە، ئاغدام، فۇزۇلى، جەبرايىل ۋە گۇبادلى يۆنىلىشتىرىدە ھەربىي ھەرىكەتلەر تۈرلۈك شەكىلدە داۋاملاشقان.

ئەزەربەيجان ئارمىيەسىنىڭ  مۇداپىئە لىنىيەسىگە توپ ۋە مىناميوتلار ئارقىلىق ھۇجۇم  قىلغان  ئەرمېنىيە كۈچلىرى، گۇبادلى يۆنىلىشىدىكى بىر قىسىم مۇھىم ئېگىزلىكلەر ۋە ھەربىي نۇقتىلاردىن ئېغىر تالاپەتكە ئۇچرىغان ھالدا چېكىنگەن. خوجاۋەند يۆنىلىشىدە تۇرۇشلۇق ئەرمېنىيە ئارمىيەسىنىڭ 155 – توپچىلار پولكىغا ئائىت « D-20» باتارېيەسى خادىملىرى ئارىسىدا ناھايىتى كۆپ يارىدارنىڭ بارلىقى، ئاپتوموبىل يېتەرسىزلىكى ۋە يوللارنىڭ تاقاق بولۇشى سەۋەبىدىن، يارىدارلارنىڭ تارقاقلاشتۇرۇلالمايۋاتقانلىقى قەيت قىلىنغان باياناتتا تەكىتلىنىشىچە، ھادرۇتنىڭ شىمالىدىكى توپچىلار قىسىملىرىغا يېڭى كەلگەن پىدائىيلار، ئۇرۇش نۇقتىلىرىنى تەرك ئېتىپ، قاچماقتا ئىكەن. ئاغدەرە يۆنىلىشىدىكى 5-قوغلىغۇچى پولكىنى ئەزەربەيجان ئارمىيەسىنىڭ توپقا تۇتۇشى نەتىجىسىدە، كۆپ ساندا ئەرمېنىيە ئەسكەرلىرى بىر تەرەپ قىلىنغان.

پولكىنىڭ 3-باتالىيونىنىڭ قوماندانى يوقاپ كەتكەن، ھەربىي خادىملار قوماندانى ئۆلتۈرۈلگەن، يەر ئاستى پاناھلىنىش ئورنىنىڭ يەر بىلەن يەكسان قىلىۋېتىلىشى نەتىجىسىدە ئەرمېنىيە ئارمىيەسى ئېغىر تالاپەتكە ئۇچرىغان.

ئەرمېنىيە ئارمىيەسىنىڭ 543-پولكىنىڭ قوماندانى يارىلانغان، ياردەمچىسى ئۆلتۈرۈلگەن.

پولكنىڭ 1-باتالىيونىنىڭ قوماندانى، مۇئاۋىن قوماندانى ۋە مىناميوت قوماندانلىرىمۇ ئۆلگەن، 1-باتالىيوننىڭ بىر قىسىم ھەربىي خادىملىرى ئۇرۇشقا قاتنىشىشنى رەت قىلغان.

توقۇنۇشلار تۈن بويى داۋاملاشقان بولۇپ، ۋەزىيەت  ئەزەربەيجان ئارمىيەسىنىڭ كونتروللۇقىدا ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر