ئەلىيېۋ ئۇزۇن مۇددەتلىك ئۇرۇش توختىتىشنىڭ شەرتلىرىنى ئېلان قىلدى
ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ ئەرمېنىيەنىڭ مۇزاكىرە قارارلىرىغا بويسۇنۇشى ۋە ئىشغال قىلىۋالغان زېمىنلاردىن چىقىپ كېتىشى ئۈچۈن مۇھىم ۋەدىلەرنى بەرگەن ئەھۋالدا ئۇرۇش توختىتىشنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك بپولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ ياپونىيەنىڭ نىككېي گېزىتىگە مۇھىم باياناتلارنى بەردى.
ئۇ رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىندىن تاغلىق قاراباغ مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن تەكلىپ تاپشۇرۇۋالمىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
ئۇ تاغلىق قاراباغقا تىنچلىق كۈچىنىڭ ئەۋەتىلىشىگە قارشى چىقمىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «ئەزەربەيجان بۇ مەسىلىدە ئۆزىنىڭ شەرتلىرىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ» دېدى.
ئۇ تۈركىيەنىڭ ئەزەربەيجاننىڭ ئەڭ يېقىن ئىتتىپاقدىشى ئىكەنلىكىدىن بېشارەت قىلىپ: «بۈگۈن مىنسك گۇرۇپپىسىنىڭ تەڭ ھوقۇقلۇق رەئىسىنى سايلىساق، ئېنىقكى ئەزەربەيجان تۈركىيەنىڭ نامزاتلىقىنى قوللايدۇ» دېدى.
ئۇ تاغلىق قاراباغدا ھېچقانداق ۋاقىتتا رېفېراندۇم ئۆتكۈزۈلمەيدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم تەكرارلىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئەزەربەيجاندا 5.2 بال يەر تەۋرىدى
ئەزەربەيجان يەر تەۋرەش مۇلازىمەت مەركىزى يەر تەۋرەش ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى.
ئەزەربەيجان – ئەرمېنىيە تىنچلىق سۆھبىتى باشلاندى
ئەزەربەيجان بىلەن ئەرمېنىيە ئوتتۇرىسىدىكى تىنچلىق سۆھبىتى قازاقىستاننىڭ ئالماتا شەھىرىدە باشلاندى.