ئەزەربەيجاننىڭ ئىشغالىيەت ئاستىدىكى زېمىنىنى ئازاد قېلىش ھەرىكەتلىرى غەلىبىلىك داۋاملاشماقتا

ئەزەربەيجان ئارمىيەسىنىڭ ئەرمېنىيە ئىشغالىيىتىدىن زېمىنىنى ئازاد قېلىش ئۈچۈن باشلىغان ھەربىي ھەرىكەتلىرى غەلىبىلىك داۋاملاشماقتا.

1512987
ئەزەربەيجاننىڭ ئىشغالىيەت ئاستىدىكى زېمىنىنى ئازاد قېلىش ھەرىكەتلىرى غەلىبىلىك داۋاملاشماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا، ئاغدەرە، فۇزۇلى، جەبرائىل ۋە گۇبادلى يۆنىلىشىدىكى ھەربىي ھەرىكەتلەرنىڭ ئوخشىمىغان زىچلىقتا كېچىچە داۋاملاشقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، ئەرمېنىيە قىسىملىرىنىڭ زەمبىرەك ۋە مىناميوت بىلەن ئەزەربەيجان ئارمىيەسىنىڭ مۇداپىئە لىنىيىسىگە ھۇجۇم قىلغانلىقى، ئەرمېنىيە ئارمىيەسىنىڭ 18-موتورلۇق دىۋىزىيەسىنىڭ جەبرائىل ۋە گۇبادلى يۆنىلىشىدە ئېغىر يوقۇتۇشقا ئۇچراپ چېكىنگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

ئەرمېنىيە قىسىملىرىغا تەۋە 5 - زەربىدار پولكىنىڭ بازىسى ھەمدە بازىدىكى نۇرغۇن قورال-ياراغ ۋە ئوق-دورىلارنى ئەزەربەيجان ئارمىيەسىنىڭ قولغا چۈشۈرگەنلىكى ۋە نۇرغۇنلىغان ئەرمېنىيە ئەسكەرلىرىنى بىر تەرەپ قىلغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

ئەرمېنىيە قىسىملىرىنىڭ 6- ۋە 7- زەربىدار پولكىدىمۇ ئۆلگەن ۋە يارىلانغانلارنىڭ كۆپلىكى بىلدۈرۈلدى.

ئېتىشىش جەريانىدا يەنە، ئەرمېنىيە قىسىملىرىغا تەۋە ئۈچ زەمبىرەك باتارېيەسى، بىر قانچە مىناميوت ۋە ئەسكەرلەرنى ئېلىپ ماڭغان ئۈچ يۈك ئاپتوموبىلىنىڭمۇ ئەزەربەيجان ئارمىيەسى تەرىپىدىن پاچاقلاپ تاشلانغانلىقى خەۋەر قىلىندى.

ئەزەربەيجان ئارمىيەسىنىڭ پۈتۈن ئالدىنقى فرونت ئۇرۇش لېنيەسىنى  كونتروللۇقى ئاستىدا تۇتۇپ تۇرىۋاتقانلىقى تەكىتلەندى.

مىنىستىرلىقنىڭ يەنە بىر باياناتىدا، ئەرمېنىيە قىسىملىرىنىڭ تەرتەر شەھىرىنى توپقا تۇتقانلىقىنى ئۇقتۇرۇلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر