قىرغىزىستاندا تۈرمىدىن چىققان جاپاروۋ پىرېزىدېنتلىق ھوقۇقىنى ئۆتكۈزۈۋالغانلىقىنى جاكارلىدى

قىرغىزىستاندا تۈرمىدىن چىقىپ باش مىنىستىر بولغان «ئاتا يۇرت» پارتىيەسىنىڭ سابىق پارلامېنت ئەزاسى سادىر جاپاروۋ، پىرېزىدېنت سورونباي جەئېنبېكوۋ ئىستېپا بەرگەندىن كېيىن، پىرېزىدېنتلىق ھوقۇقىنىڭ ئۆزىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

1510261
قىرغىزىستاندا تۈرمىدىن چىققان جاپاروۋ پىرېزىدېنتلىق ھوقۇقىنى ئۆتكۈزۈۋالغانلىقىنى جاكارلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سادىر جاپاروۋ باش مىنىستىرلىق بىناسىنىڭ ئالدىدا قوللىغۇچىلىرىغا خىتاب قىلىپ، سورونباي جەئېنبېكوۋ ئىستېپا بەرگەندىن كېيىن، پارلامېنت باشلىقى قانات ئىسايېۋنىڭ پىرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىشقا تەييار ئەمەسلىكىنى بىلدۈرگەن ئىلتىماس يازغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «شۇنداق قىلىپ، پىرېزىدېنتلىق ھوقۇقى ماڭا ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى» دېدى.

جاپاروۋنىڭ قوللىغۇچىلىرى ئۇنىڭ سۆزلىرىنى مۇزىكىغا تەڭكەش قىلىپ ئاڭلىدى ۋە دۆلەت مارشىنى ئوقۇغاندىن كېيىن تارقالدى.

قىرغىزىستاندا 2020-يىلى 4-ئۆكتەبىر ئۆتكۈزۈلگەن پارلامېنت سايلىمىنىڭ نەتىجىلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى تەلەپ قىلغان ئۆكتىچى پارتىيەلەرنىڭ نامايىشلىرى زوراۋانلىققا ئايلىنىپ كەتكەن ۋە پىرېزىدېنتلىق بىناسى بىلەن پارلامېنت بىناسى ئىگەللىۋېلىنغان ئىدى.

سايلام نەتىجىلىرىنى ئېتىراپ قىلمىغان نامايىشچىلارنىڭ بىر قىسمى جاپاروۋنى تۈرمىدىن چىقىرىپ، «ۋاقىتلىق باش مىنىستىر» ئېلان قىلغان، پىرېزىدېنت سورونباي جەئېنبېكوۋمۇ پارلامېنتنىڭ ئىشەنچ ئاۋازىغا ئېرىشكەن جاپاروۋنىڭ باشچىلىقىدا قۇرۇلغان يېڭى كابېنت ئەزالىرىنى ۋەزىپىگە تەيىنلىگەن قارارنى ئىمزالىغان ۋە ئارقىدىن ئىستېپا بەرگەن ئىدى.

جاپاروۋنىڭ قوللىغۇچىلىرى جەئېنبېكوۋ ئىستېپا بەرگەندىن كېيىن، پارلامېنتنىڭ تارقىلىشىنى تەلەپ قىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر