ئەرمېنىيە قىسىملىرى گەنجەگە باشقۇرۇلىدىغان بومبا بىلەن ھۇجۇم قىلدى

ئەرمېنىيە ئەزەربەيجان بىلەن تۈزگەن ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە يەنە بىر قېتىم خىلاپلىق قىلدى. ئەرمېنىييە ئارمىيەسنىڭ گەنجە، مىنگاچېۋىر ۋە تەرتەرگە قىلغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇملىرىدا 5 پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلىپ، 27 پۇقرا يارىلاندى.

1506700
ئەرمېنىيە قىسىملىرى گەنجەگە باشقۇرۇلىدىغان بومبا بىلەن ھۇجۇم قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈنۈگۈنكى ئۇرۇش توختىتىشقا پەرۋا قىلماستىن، ھۇجۇملىرىنى داۋاملاشتۇرغان ئەرمېنىيە قىسىملىرى كېچىدە گەنجە، مىنگاچېۋىر ۋە تەرتەرگە باشقۇرۇلىدىغان بومبا بىلەن ھۇجۇم قىلدى. گەنجەدىكى ھۇجۇمدا دەسلەپكى مۆلچەرلەرگە ئاساسلانغاندا، 5 پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلىپ، 27 پۇقرا يارىلانغان. ھۇجۇمدا 30 غا يېقىن ئۆي ۋە 50 دىن ئارتۇق خىزمەت ئورنى ۋەيران بولغان.

ئەزەربەيجان ئارمىيەسىنىڭمۇ قايتۇرما ھۇجۇمى كېچىكمىدى. ئەرمېنىيە قىسىملىرى نۇرغۇن ئادەم كۈچى ۋە ھەربىي ئۈسكۈنىلىرىنى يوقۇلۇپ چېكىنىشكە مەجبۇر بولدى. 38 ئەرمېنىيە ئەسكىرى ئۆلتۈرۈلدى، 2 گراد باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسى، 7 زەمبىرەك ۋە 2 ئوق دورا ئاپتوموبىلى پاچاقلاپ تاشلاندى.

ئۇجۇقتۇرۇلغانلارنىڭ ئىچىدە خوجا ئەلى قىرغىنچىلىقىنى سادىر قىلغان تېرورلۇق تەشكىلاتى ئاسالانىڭ ئەزاسى ئالېكساندىر ئارۇتيۇنياننىڭمۇ بارلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئەزەربەيجان مۇئاۋىن پرېزىدېنتى ھىكمەت ھاجىيېۋ ھۇجۇم قىلىشقا ئۇرۇنغان ئەرمېنىيە قىسىملىرىنىڭ جەبرائېل ۋە ھادرۇتتا ئېغىر يوقۇتۇشقا ئۇچراپ، چېكىنگەنلىكىنى ئېيتتى.

ھىكمەت ھاجىيېۋ يەنە، ئەرمىنىيەگە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى نامىدا راكېتا سىستېمىسىنىڭ يۆتكىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر