بىشكەكتە جىددىي ھالەت ئېلان قىلىندى

قىرغىزىستان پىرېزىدېنتى سورونباي جەئېنبېكوۋ سايلاملاردىن كېيىن زوراۋانلىق ۋەقەلىرىگە ئايلىنىپ كەتكەن نامايىشلار سەۋەبىدىن پايتەخت بىشكەكتە جىددىي ھالەت ئېلان قىلدى.

1506094
بىشكەكتە جىددىي ھالەت ئېلان قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قىرغىزىستان پىرېزىدېنتى سورونباي جەئېنبېكوۋ سايلاملاردىن كېيىن زوراۋانلىق ۋەقەلىرىگە ئايلىنىپ كەتكەن نامايىشلار سەۋەبىدىن پايتەخت بىشكەكتە جىددىي ھالەت ئېلان قىلدى.

قىرغىزىستاندا تۈرمىدىن چىقىرىلغان سابىق پىرېزىدېنت ئالمازبېك ئاتامبايېۋ ھازىرقى پىرېزىدېنت جەئېنبېكوۋنى ئىستېپاغا چاقىردى.

سەيشەنبە كۈنى (2020-يىلى 6-ئۆكتەبىر) سايلام نەتىجىسىگە قارشى پارتلىغان نامايىشلار جەريانىدا تەرەپدارلىرى تەرىپىدىن تۈرمىدىن چىقىرىلغان سابىق پىرېزىدېنت ئاتامبايېۋ، سوتسىيال دېموكرات پارتىيەسىنىڭ باش مەركىزىدە تەرەپدارلىرىغا خىتاب قىلدى.

ئۇ ئۆزى ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرغان مەزگىلدە ئۆتكۈزگەن خاتالىقلىرى سەۋەبىدىن خەلقتىن ئەپۇ سورىدى ۋە ھازىرقى پىرېزىدېنتنى قاتتىق تەنقىد قىلدى.

ئۇ جەئېنبېكوۋنى ئىستېپا بېرىشىنى، خەلقنىڭ باراۋەرلىكى ۋە ئىتتىپاقلىقىنىڭ قوغدىلىشىنى تەلەپ قىلىدىغانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.

ئۇ تەرەپدارلىرى بىلەن بىرلىكتە بىشكەكتىكى ئالاتاۋ مەيدانىدا يىغىلىش ئۈچۈن يۈرۈدى.

پىرېزىدېنت سورونباي جەئېنبېكوۋ نامايىشچىلارنىڭ يىغىلىشىنى توسۇش ئۈچۈن شۇ يەر ۋاقتى 20:00 دىن 08:00 ەىچە جىددىي ھالەت ئېلان قىلدى.

قىرغىزىستاندا 2020-يىلى 4-ئۆكتەبىر ئۆتكۈزۈلگەن پارلامېنت سايلىمىنىڭ نەتىجىلىرىنى ئېتىراپ قىلمىغان ئۆكتىچى پارتىيەلەرنىڭ تەرەپدارلىرى، پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى ۋە پارلامېنت بىناسىغا بېسىپ كىرگەن ۋە سابىق پىرېزىدېنت ئاتامبايېۋنى تۈرمىدىن چىقارغان ئىدى.   



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر