قىرغىزىستاندىكى سىياسىي كرىزىس

قىرغىزىستاندا باش مىنىستىر ۋە پارلامېنت رەئىسى ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بەردى.

1504216
قىرغىزىستاندىكى سىياسىي كرىزىس

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قىرغىزىستاندا سايلام نەتىجىسىنى قوبۇل قىلمىغان ئۆكتىچىلەرنىڭ دۆلەت ئورگانلىرىنى ئىشغال قىلىش ھەرىكىتى داۋاملىشىۋاتقان بىر پەيتتە، پارلامېنت رەئىسى داستانبېك جۇمابېكوۋ ۋە باش مىنىستىر كۇباتبېك بورونوۋ ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بەردى.

سايلامنىڭ ئەڭ تۆۋەن چېكىدىن ئۆتەلمىگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن سىياسىي پارتىيەلەرنىڭ قوللىغۇچىلىرى تەرىپىدىن تەشكىللەن پائالىيەتتە، جۇمابېكوۋ باشچىلىقىدىكى پارلامېنت ئەزالىرىدىن تەركىب تاپقان پارلامېنت ئومۇمىي يىغىنى پايتەخت بىشكەكتىكى دوستلۇق مېھمانخانىسىدا ئۆتكۈزۈلدى.

يىغىندا پارلامېنت رەئىسى داستانبېك جۇمابېكوۋ ۋە باش مىنىستىر كۇباتبېك بورونوۋنىڭ ئىستىپا خېتى كۆرسىتىلدى.

يەنە بىر تەرەپتىن، پارلامېنت ئەزالىرى پارلامېنت رەئسلىكى ۋەزىپىسى ئۈچۈن مىقتىبېك ئابدىلدايېۋنى ۋە ۋاقىتلىق باش مىنىستىرلىق ۋەزىپىسى ئۈچۈن سادىر جاپاروفنى سايلاپ چىقتى.

قىرغىزىستاندىكى سىياسىي كرىزىس؛

يەكشەنبە كۈنى قىرغىزىستاندا ئۆتكۈزۈلگەن پارلامېنت سايلىمىنىڭ نەتىجىسىگە قارشى چىققان 12 سىياسىي پارتىيەنىڭ قوللىغۇچىلىرى سايلامنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى تەلەپ قىلىپ نامايىش ئۆتكۈزگەن ئىدى.

مىڭلىغان كىشىنىڭ ئىشتىراك قىلىشى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشتا، ئوتتۇرىغا قويۇلغان تەلەپلەر قاندۇرۇلمىغانلىقى سەۋەبىدىن ئۆكتىچىلەر پرېزىدېنتلىق سارىيىغا قاراپ يۈرۈش قىلغان ئىدى. بۇ جەرياندا ساقچىلارنىڭ قاتتىق ئارىلىشىشىغا دۇچ كەلگەن ئۆكتىچىلەر 7 سائەت تىركىشىشتىن كېيىن پىرېزىدېنتلىق سارىيىنى ئىشغال قىلىۋالغان ئىدى.

ئۆكتىچىلەر يەنە، پىرېزىدېنت سورونباي جېنبېكوۋ دەۋرىدە تۈرمىگە تاشلانغان «سىياسىي مەھبۇس» لارنى قويۇپ بەردى. ۋەقەدە بىر كىشى قازا قىلىپ، 590 كىشى يارىلاندى.

قىرغىزىستاندىكى ۋەقەلەر كونتروللۇقتىن چىقىپ كەتكەچكە، جېنبېكوۋنىڭ ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بېرىش - بەرمەسلىكى ھەممەيلەن قىزىقىۋاتقان تېمىغا ئايلاندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر