ئەلىيېۋ ھەربىي ھەرىكەتلەرنى توختىتىشنىڭ شەرتلىرىنى ئېلان قىلدى

ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ، ئەزەربەيجان ئارمىيەسىنىڭ زېمىنلىرىنى ئازاد قىلىش ئۈچۈن باشلىغان ھەربىي ھەرىكىتىنى توختىتىشنىڭ شەرتلىرىنى ئېلان قىلدى.

1502722
ئەلىيېۋ ھەربىي ھەرىكەتلەرنى توختىتىشنىڭ شەرتلىرىنى ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پىرېزىدېنت ئىلھام ئەلىيېۋ تېلېۋىزىيە نۇتقى سۆزلەپ، جەبرائىل ۋىلايىتىنىڭ ئىشغالدىن ئازاد قىلىنغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن خەلقنى تەبرىكلىدى.

ئەزەربەيجاننىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىنى كاپالەتلەندۈرۈش ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن ئەلىيېۋ، ئازاد قىلىنغان بارلىق شەھەرلەرنى يېڭىدىن قۇرۇپ چىقىدىغانلىقلىرىنى، ئەرمەنلەر ۋەيران قىلىۋەتكەن بارلىق جامەلەرنى ئەسلىگە كەلتۈرىدىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتتى.

ئىلھام ئەلىيېۋ، ئەزەربەيجان ئارمىيەسىنىڭ زېمىنلىرىنى ئازاد قىلىش ئۈچۈن باشلىغان ھەربىي ھەرىكىتىنى توختىتىشى ئۈچۈن «ئەرمېنىيە ئارمىيەسى زېمىنلىرىمىزدىن چىقىپ كەتسۇن. (نىكول پاشىنيان) ئەزەربەيجاننىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىنى ئېتىراپ قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىسۇن. ئەزەربەيجان خەلقىدىن كەچۈرۈم سورىسون ۋە قاراباغنىڭ ئەرمېنىيە زېمىنى ئەمەسلىكىنى دېسۇن. بىزگە ئەرمېنىيە ئارمىيەسىنىڭ ئىشغال قىلىپ تۇرۇۋاتقان زېمىنلاردىن چېكىنىش ۋاقىت جەدۋىلىنى تاپشۇرسۇن» دېگەن شەرتلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر