ئەزەربەيجان ئارمىيەسى ھەر قايسى سەپلەردە ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىدى
ئەزەربەيجان ئارمىيەسى زېمىنلىرىنى ئىشغالدىن ئازاد قىلىش ئۈچۈن باشلىغان ھەربىي ھەرىكەتلەردە، ئىشغال ئاستىدىكى ئاغدەرە ۋىلايىتى ماداگىز رايونىدىكى بەزى ئىستراتېگىيەلىك تۆپىلىكلەرنى كونترول قىلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ھەربىي ھەرىكەت توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى. باياناتتا، ئالدىنقى سەپنىڭ ئوخشىمىغان يۆنۈلۈشلىرىدە ئېتىشىشلارنىڭ كېچە بويىچە داۋاملاشقانلىقى بىلدۈرۈلدى.
باياناتتا قەيت قىلىنىشىچە، ئەزەربەيجان ئارمىيەسى جەبرائىل-فۇزۇلى لىنيەسىدە ئەرمېنىيە ئارمىيەسىنىڭ قارشىلىق كۆرسىتىشىنى بىتچىت قىلىپ، ئالغا ئىلگىرىلىگەن. مۇروۋ تېغى يۆنۈلۈشىدىمۇ ۋەزىيەت ئەزەربەيجان ئارمىيەسىنىڭ كونترولىدا بولغان.ئاغدەرە ۋىلايىتى ماداگىز رايونىدىكى بەزى مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك تۆپىلىكلەر ئازاد قىلىنغان.
كېچە بويىچە داۋام قىلغان ئېتىشىشلاردا، ئەرمېنىيە ئارمىيەسىنىڭ بەش ھەربىي ئاپتوموبىلى پاچاقلانغان ۋە نۇرغۇن ئەسكىرى بىر تەرەپ قىلىنغان.
ئەرمېنىيەدىن ئىشغال ئاستىدىكى رايونلارغا ئېلىپ كېلىنگەن پىدائىيلارنىڭ، شىددەتلىك توقۇنۇش ۋە بەدەللەرنىڭ ئېغىر بولۇشى سەۋەبىدىن ئۇرۇش قىلىشنى رەت قىلغانلىقى ئەسكەرتىلگەن باياناتتا، قولغا كەلگەن مۇۋەپپەقىيەتلەر ۋە ھەر قايسى سەپلەردىكى غەلىبىلەرنىڭ، ئەزەربەيجان ئەسكەرلىرىنىڭ ئۇرۇش قىلىش روھىنى ۋە غەلىبە قىلىش ئىرادىسىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرگەنلىكى قەيت قىلىندى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئەزەربەيجاندا 5.2 بال يەر تەۋرىدى
ئەزەربەيجان يەر تەۋرەش مۇلازىمەت مەركىزى يەر تەۋرەش ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى.
ئەزەربەيجان – ئەرمېنىيە تىنچلىق سۆھبىتى باشلاندى
ئەزەربەيجان بىلەن ئەرمېنىيە ئوتتۇرىسىدىكى تىنچلىق سۆھبىتى قازاقىستاننىڭ ئالماتا شەھىرىدە باشلاندى.