ئەزەربەيجان - ئەرمېنىيە ئالدىنقى سېپىدە شىددەتلىك توقۇنۇشلار يۈز بەرمەكتە

ئەرمېنىيە - ئەزەربەيجان ئالدىنقى سېپىدە شىددەتلىك توقۇنۇشلار كېچىچە داۋاملاشتى.

1499139
ئەزەربەيجان - ئەرمېنىيە ئالدىنقى سېپىدە شىددەتلىك توقۇنۇشلار يۈز بەرمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بايانات بېرىپ، ئەرمېنىيە قىسىملىرىنىڭ فۇزۇلى- جەبرائىل ۋە ئاغدەرە - تەرتەر تەرەپلىرىدىكى قولدىن كەتكەن ئورۇنلىرىنى قايتۇرۇۋېلىش ئۈچۈن ئۇرۇنۇپ كۆرگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

باياناتتا، ئەزەربەيجان ئارمىيەسىنىڭ بۇ رايونلاردىكى ئەسكەرلىرىنىڭ ئەرمېنىيە قىسىملىرىنىڭ ھۇجۇمىنىڭ ئالدىنى ئالغانلىقى قەيت قىلىندى.

باياناتتا ، بۈگۈن كېچە يۈز بەرگەن توقۇنۇشلاردا ئەرمېنىيە قىسىملىرىنىڭ ئاغدەرە يېزىسىدىكى ماداغاز رايونىدىن يولغا چىققان بىرونېۋىك ئاپتوموبىل ئەترىتى ۋە ئۇلارنى قوغداۋاتقان زەمبىرەك باتارېيەسىنىڭ ئەزەربەيجان ھاۋا ۋە قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى تەرىپىدىن يوقىتىلغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

فۇزۇلى – جەبرائىل تەرەپتىمۇ تاڭغا يېقىن ئەرمېنىيەنىڭ بىر تانكا ۋە بىر ماشىنىسىنىڭ يوقىتىپ تاشلانغانلىقى، تەخمىنەن 10 ئەتراپىدا ئەسكەرنىڭ بىر تەرەپ قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلگەن باياناتتا، شىددەتلىك توقۇنۇشلارنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى، ئەرمېنىيە قىسىملىرىنىڭ ئېغىر تالاپەتكە ئۇچراپ چېكىنىشكە مەجبۇر بولغانلىقى قەيت قىلىندى.

مىنىستىرلىقنىڭ يەنە بىر باياناتىدا، فۇزۇلى شەھىرىنى ئەرمېنىيە ئارمىيەسىدىن تازىلاش ھەرىكىتىنىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقىغا ۋە ئەرمېنىيە ئارمىيەسىگە تەۋە يەنە 4 تانكىنىڭ بۈگۈن ئەتىگەندە بىتچىت قىلىپ تاشلانغانلىقىغا ئىشارەت قىلىندى.

بۇنىڭدىن باشقا ، ئەرمېنىيە ئارمىيەسىنىڭ داشكەسەن ئۆلكىسىنى توپقا تۇتقانلىقى ئەسكەرتىلگەن يەنە بىر باياناتتا بولسا، ئەزەربەيجان ئارمىيەسىنىڭ بۇ ھۇجۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئىنكاس قايتۇرىدىغانلىقى تەكىتلەندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر