ئەلىيېۋ ئەردوغانغا رەھمەت ئېيتتى

ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ، ئەرمېنىيەنىڭ ھۇجۇملىرىغا قارشى ئەزەربەيجاننى قوللىغانلىقى ئۈچۈن جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا رەھمەت ئېيتتى.

1499071
ئەلىيېۋ ئەردوغانغا رەھمەت ئېيتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى مەسلىھەتچىسى ھىكمەت ھاجىيېۋ، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ «خەلقئارا دېڭىز قانۇنى ۋە شەرقىي ئاقدېڭىز ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» دىكى ئەرمېنىيە - ئەزەربەيجان ئالدىنقى سېپىدىكى ئۆزگىرىشلەرگە مۇناسىۋەتلىك سۆزلىرىنىڭ ئەزەربەيجاندا قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشكەنلىكىنى ئېيتتى.

ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋنىڭ ئەردوغانغا مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرگەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن ھاجىيېۋ، «ئەرمېنىيە ھۇجۇم قىلغان دەسلەپكى سائەتلەردىلا باشتا ئەردوغان بولۇپ تۈركىيە ھۇجۇمنى قاتتىق ئەيىبلىدى ۋە (ئەزەربەيجاننى) مۇتلەق قوللايدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى. ئەزەربەيجان خەلقى بۇ قوللاشنى قەدىرلەيدۇ» دېدى.

توۋۇز رايونىغا قىلىنغان ھۇجۇمدىمۇ ئەرمېنىيەنى تۇنجى بولۇپ ئەيىبلىگەن دۆلەتنىڭ تۈركىيە بولغانلىقىنى خاتىرىلىتىپ ئۆتكەن ھاجىيېۋ، «پىرېزىدېنت ئەلىيېۋمۇ ئەزەربەيجاننىڭ ھەر دائىم تۈركىيەنىڭ يېنىدا ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى. ئەزەربەيجان بىلەن تۈركىيە <بىر مىللەت، ئىككى دۆلەت> پىرىنسىپىغا ماس ھالدا بارلىق مەسىلىلەردە ھەمكارلىقىنى نامايان قىلىدۇ ۋە ھەر دائىم بىر – بىرىنى ئىككىلەنمەستىن قوللايدۇ» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر