ئۆزبېكىستان پىرېزىدېنتى ب د ت دا ئۆزبېكچە نۇتۇق سۆزلىدى

ئۆزبېكىستان پىرېزىدېنتى شەۋكەت مىرزىيويېۋ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي كېڭىشىدا ئۆزبېكچە نۇتۇق سۆزلىدى.

1496792
ئۆزبېكىستان پىرېزىدېنتى ب د ت دا ئۆزبېكچە نۇتۇق سۆزلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 75 – نۆۋەتلىك ئومۇمىي كېڭەش يىغىنىغا سىن ئارقىلىق ئىشتىراك قىلغان ۋە كېڭەشكە رۇسچىنىڭ ئورنىغا، ئۆزبېكىستان مۇستەقىل بولغاندىن بۇيان تۇنجى قېتىم پىرېزىدېنت سۈپىتىدە  ئۆزبېك تىلىدا خىتاب قىلغان مىرزىيويېۋ، نۇتىقىدا، «ۋۇخەن ۋىرۇسى» يۇقۇمىنىڭ، ھەم ئىنسانىيەت دۇنياسىنىڭ بۇنداق يەر شارى خاراكتېرلىك تەھدىتلەرگە قارىتا مۇداپىئەسىز ئىكەنلىكىنى، ھەمدە سىستېمىلىق دىيالوگ، ئىشەنچ ۋە زىچ ھەمكارلىقنىڭمو زۆرۈرلۈكىنى  كۆرسىتىپ بەرگەنلىكىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، شۇڭا، بۇ دائىرىدە تىرىشچانلىقلارنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش، مەسئۇلىيەتچانلىق ئېڭىنى كۈچەيتىش، خەلقئارالىق ھەمراھلىقنى مۇستەھكەملەش، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ سالاھىيىتى ۋە ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش، ھوقۇق دائىرىلىرىنى كېڭەيتىشكە ئېھتىياج بارلىقىنى قەيت قىلدى.

مىرزىيويېۋ، بۇ دائىرىدە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ھىمايىسىدە، «ۋۇخەن ۋىرۇسى»  باسقۇچىدا ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن بەرگەن ۋەدىلىرىدە تۇرۇش توغرۇلۇق قانۇن تەييارلىنىشى، ھەمدە بۇ قانۇننىڭ ھەر بىر دۆلەتنڭ بېرىش قانۇنىنىڭ تۈزۈلۈشى كېرەكلىكىنى ۋە بۇ ھۆججەتنىڭ ھەربىر دۆلەتنىڭ پۇقرالىرى ۋە خەلقئارالىق شېرىكلىرىگە قارىتا مەسئۇلىيەتلىرىنى ئەكس ئەتتۈرۈشى لازىملىقىنى تەكىتلىدى.

بۇنىڭدىن ئۈچ يل بۇرۇن ئۆزىنىڭ  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي كېڭىشىدا ئۆزبېكىستاننىڭ كەڭ كۆلەملىك ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش مەسىلىسىدە ئىرادىسىنىڭ قەتئىيلىكىنى بايان قىلغانلىقىنى ئېيتقان مىرزىيويېۋ، مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «سىياسىي، ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي ئۆزگىرىشلەر دائىرىسىدە ئېلىپ بېرىلغان كەڭ كۆلەملىك ئىسلاھاتلار نەتىجىسىدە، يېپيېڭى بىر ئۆزبېكىستان شەكىللەنمەكتە. دەرۋەقە، بۈگۈنكى كۈندە دۆلىتىمىزدە دېموكراتىك ئۆزگىرىشلەر ئەسلا كەينىگە چېكىنىش مۇمكىن بولمايدىغان دەرىجىدە بېرىپ يەتتى.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر