ئەزەربەيجان ئەرمېنىيە قوماندانىنى ئەسىرگە ئالدى

ئەزەربەيجان ئەسكەرلىرى ئالدىنقى سەپ لىنىيەسىدە بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا ئۇرۇنغان ئەرمېنىيە ئارمىيەسىنىڭ رازۋېدكا ئەترىتىنىڭ قوماندانىنى ئەسىرگە ئالدى.

1477918
ئەزەربەيجان ئەرمېنىيە قوماندانىنى ئەسىرگە ئالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەزەربەيجان ئەسكەرلىرى ئەرمېنىيە ئارمىيەسىنىڭ ئەتىگەن تەرەپلەردە ئالدىنقى سەپ لىنىيەسىنىڭ گورانبوي ئۆلكىسىگە قاراپ بۇزغۇنچىلىق قىلىش ئۇرۇنۇشىغا توسالغۇ بولغان. شۇنىڭ بىلەن،ئەرمېنىيە ئەسكەرلىرى تالاپەتكە ئۇچراپ چېكىنگەن، بۇ جەرياندا، ئەرمېنىيە ئارمىيەسىنىڭ رازۋېدكا ئەترىتىنىڭ قوماندانى بىرىنچى لېيتېنانت ئەسىرگە ئېلىنغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر