چاۋۇشئوغلۇ: ئەزەربەيجانلىق جانجىگەر قېرىنداشلىرىمىز ئۈچۈن جېنىمىز پىدا
تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئەرمېنىيە بىلەن بولغان سۈركىلىشتە باكۇنى قوللىغان تۈركىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرگەن ئەزەربەيجانلىق ياشلارغا «جانجىگەر قېرىنداشلىرىمىز ئۈچۈن جېنىمىز پىدا» دەپ ئىنكاس قايتۇردى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يېڭى ئەزەربەيجان پارتىيەسى گەنجە ياشلار شۆبىسىنىڭ ئەزالىرى، تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇنىڭ ئەزەربەيجاننى قوللىشىدىن ئۆزلىرىنى تولىمۇ شەرەپلىك ھېس قىلىدىغانلىقلىرى ئىزھار قىلىنغان مىننەتدارلىق ۋىدېيوسىنى ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە ھەمبەھىرلەشتى.
چاۋۇشئوغلۇمۇ ئۇلارنىڭ ئەزەربەيجانغا بولغان سۆيگۈسى، سەزگۈرلۈكى ۋە ياردىمى ئۈچۈن ئۆزىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرگەن ۋىدېيوسىنى ئۆزىنىڭ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە ھەمبەھىرلىشىپ، «جانجىگەر قېرىنداشلىرىمىز ئۈچۈن جېنىمىز پىدا» دەپ ئىنكاس قايتۇردى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئەزەربەيجان باش مىنىستىرى تۈركىيەدە زىيارەتتە بولماقتا
ئەزەربەيجان باش مىنىستىرى ئەلى ئەسەدوف تۈركىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولماقتا.
ئۆزبېكىستان بىلەن ۋېنگىرىيە ئەركىن ئىقتىسادىي رايون قۇرىدۇ
ئۆزبېكىستاندا ۋېنگىرىيە ۋە ياۋروپا شىركەتلىرى ئۈچۈن ئالاھىدە ئەركىن ئىقتىسادىي رايون قۇرۇلىدۇ.