ئامېرىكادا مۇتەھەم ئەرمەنلەر ئەزەربەيجانلىقلارغا ھۇجۇم قىلدى
ئامېرىكانىڭ لوس ئانجېلېس شەھىرىدە ئەرمېنىيەنىڭ ئەزەربەيجانغا قىلغان ھۇجۇمىغا نارازلىق نامايىشى ئۆتكۈزگەن ئەزەربەيجانلىقلارغا ئەرمەنلەر ھۇجۇم قىلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجاننىڭ لوس ئانژېلېستا تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىسىدىن ئىگىلەنگەن ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، 21 – ئىيۇل كۈنى كونسۇلخانا بىناسى ئالدىدا ئەرمەنلەر نامايىش ئۆتكۈزگەن. ئەرمەنلەر بىنانى چۆرىدەپ ئەزەربەيجانغا قارشى ھۇجۇم ۋە ئىغۋاگەرچىلىك خاراكتېرلىق شوئارلارنى توۋلىغان. بۇنىڭغا قارىتا ئەزەربەيجانلىقلارمۇ كونسۇلخانا ئالدىدا يىغىلىپ، ئەرمەنلەرنى توسماقچى بولغان.
بۇ جەرياندا «قاراباغ ئەزەربەيجانغا مەنسۇپ»، «خوجائىلىغا ئادالەت»، «ئەرمېنىيە ھۇجۇملىرىنى توختات!» دېگەن پىلاكاتلار بىلەن قارشى نامايىش تەشكىللىگەن ئەزەربەيجانلىقلارغا ئەرمەنىستانلىق نامايىشچىلار ھۇجۇم قىلغان.
رايوندىكى ساقچىلار ھۇجۇمنىڭ ئالدىنى ئالالمىغان، ۋەقەدە بىرسى ئايال بولۇپ، جەمئىي 7 ئەزەبەيجانلىق يارىلانغاندىن باشقا يەنە بىر ساقچىمۇ بېشىدىن يارىلانغان.
باش كونسۇل نەسىمى ئاغايېۋ لوس ئانجېلېس ساقچى باشلىقى مىشېل مور بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئەرمەنلەرنىڭ ھۇجۇمىنىڭ ئالدى ئېلىنمىغانلىقىنى شىكايەت قىلغان. ساقچى باشلىقى مور يۈز بەرگەن ئىشلار ئۈچۈن كەچۈرۈم سوراپ، ئۆزلىرىنىڭ بۇ مەسىلىنى ئەستايىدىل تەكشۈرىدىغانلىقىنى ئېيتقان.
ئەزەربەيجان كونسۇلخانىسى بۇ مەسىلىنى لوس ئانجېلېس شەھەرلىك ھۆكۈمەت مەسئۇللىرىغا يەتكۈزۈپ، ھۇجۇم قىلغۇچىلارنىڭ بالدۇرراق ئېنىقلىنىشى ۋە سوتقا تارتىلىشى ئۈچۈن كېرەكلىك قەدەملەرنىڭ تاشلىنىلىشىنى تەلەپ قىلغان.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئەزەربەيجان باش مىنىستىرى تۈركىيەدە زىيارەتتە بولماقتا
ئەزەربەيجان باش مىنىستىرى ئەلى ئەسەدوف تۈركىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولماقتا.
ئۆزبېكىستان بىلەن ۋېنگىرىيە ئەركىن ئىقتىسادىي رايون قۇرىدۇ
ئۆزبېكىستاندا ۋېنگىرىيە ۋە ياۋروپا شىركەتلىرى ئۈچۈن ئالاھىدە ئەركىن ئىقتىسادىي رايون قۇرۇلىدۇ.