تۈرك كېڭىشى تۈركىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈردى

تۈرك تىلىدا سۆزلىشىدىغان دۆلەتلەر ھەمكارلىق كېڭىشى – تۈرك كېڭىشى باش كاتىپى باغداد ئامرېيېۋ، تۈركىيەنىڭ كوۋىد – 19 غا قارشى كۈرەشتە قېرىنداش تۈرك دۆلەتلىرى بىلەن بىرلىكتە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى موھتاج دۆلەتلەرگە ياردەم قولىنى سۇنغانلىقىنى بىلدۈردى.

1454704
تۈرك كېڭىشى تۈركىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈرك كېڭىشى باش كاتىپى باغداد ئامرېيېۋ، تۈركىيەنىڭ يۇقۇمغا قارشى تۇرۇش مەقسىتىدە كېڭەشكە ئەزا دۆلەتلەرگە يوللىغان ئىنسانىي ياردەملەر توغرىسىدا توختالدى؛ تۈرك كېڭىشىنىڭ ئەزا ۋە كۆزەتكۈچى ئەزالىرى ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقنىڭ تەقدىرلەشكە ئەرزىيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن باش كاتىپ باغداد ئامرىيېۋ، يۇقۇمنىڭ سەلبىي تەسىرلىرىنى يەڭگىللىتىش ۋە ۋە قېرىنداش دۆلەتلەرنىڭ بۇ كېسەللىككە دۇچار بولغان پۇقرالىرىنى تەكشۈرۈپ دىياگنوز قويۇشىغا كېرەكلىك بولغان ئۈسكۈنىلەرگە ئىگە بولۇشىغا ياردەمچى بولۇش مەقسىتىدە، تۈركىيەنىڭ ئەزەربەيجان، قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئۆزبېكسىتان  ۋە ۋېنگىرىيەگە ئوخشاش تۈرك كېڭىشىگە ئەزا ۋە كۆزەتكۈچى ئەزا دۆلەتلەرنى ئىنسانىي ياردەم بۇيۇملىرى بىلەن تەمىنلىگەنلىكىنى ئېيتتى.

تۈركىيە كېڭىشىگە ئەزا دۆلەتلەرگە قىلغان ياردەم ئۈچۈن تۈركىيەگە رەھمەت ئېيتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئامرېيېۋ، تۈركىيەنىڭ يۇقۇمغا قارشى ھەم ئۆزىنىڭ كۈرىشىنى داۋاملاشتۇرغانلىقىنى، ھەم پەقەت قېرىنداش تۈرك دۆلەتلىرىگىلا ئەمەس، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ياردەمگە موھتاج دۆلەتلەرگە ياردەم قىلغانلىقىنى ئەسكەرتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر