ئەزەربەيجان - ئەرمېنىيە چېگراسىدىكى كەسكىن توقۇنۇش داۋاملاشماقتا

ئەزەربەيجان - ئەرمېنىيە چېگراسىدا داۋاملىشىۋاتقان توقۇنۇشتا، ئەزەربەيجان ئارمىيەسىنىڭ بىر يۇقىرى دەرىجىلىك لېيتېنانتى شەھىد بولدى.

1454137
ئەزەربەيجان - ئەرمېنىيە چېگراسىدىكى كەسكىن توقۇنۇش داۋاملاشماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا، چېگرانىڭ توۋۇز رايونىدا تۈنۈگۈن باشلانغان توقۇنۇشلارنىڭ كېچىچە داۋاملاشقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

توقۇنۇشتا ئەزەربەيجان ئارمىيەسىنىڭ بىر لېيتېنانتىنىڭ شېھىت بولغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئەزەربەيجان ئارمىيەسىنىڭ كېچىچە زەمبىرەك، مىناميوت ۋە تانكا بىلەن ئەرمېنىيە ئارمىيەسىگە تەۋە ئىستىھكاملارنى، زەمبىرەك باتارېيەسى ۋە ئاپتوموبىللىرىنى پاچاقلاپ تاشلىغانلىقى قەيت قىلىندى.

باياناتتا، ئەرمېنىيە تەرەپنىڭ ئۆلگەن ئەسكەرلىرىگە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى يوشۇرىۋاتقانلىقى تەكىتلەندى.

ۋەزىيەت ئەزەربەيجان ئارمىيەسىنىڭ كونتروللۇقىدا ئىكەنلىكى، دۈشمەنگە قارشى جازا تەدبىرلىرىنىڭ ئىشقا ئاشۇرۇلغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

مىنىستىرلىق ئەرمېنىيە ئارمىيەسىگە تەۋە بىر ئىستىھكامغا قىلىنغان ھۇجۇمنىڭ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ئارقىلىق تارتىلغان كۆرۈنۈشلىرىنىمۇ ھەمبەھىرلىدى.

ئەرمېنىيە ئارمىيەسى تۈنۈگۈن چېگرانىڭ توۋۇز رايونىدا، ئەزەربەيجان ئىستىھكاملىرىغا توپ ئېتىپ ھۇجۇم قىلىشقا ئۇرۇنغان ۋە ئەزەربەيجان ئارمىيەسى تېگىشلىك جاۋاپ قايتۇرغاندىن كېيىن، ئېغىر يوقۇتۇشقا ئۇچراپ چېكىنگەن ئىدى.

توقۇنۇشتا ئەزەربەيجان ئارمىيەسىدىن 3 ئەسكەر شېھىت بولغان ۋە 4 ئەسكەر يارىلانغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر