تۈرك كېڭىشى يۇقۇمغا قارشى تۇرۇش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش يولىدا قەدەم تاشلىدى

تۈرك كېڭىشىگە ئەزا دۆلەتلەر ۋۇخەن ۋىرۇسى (كوۋىد – 19) غا قارشى تۇرۇشتا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش ئۈچۈن قەدەم تاشلىدى.

1451796
تۈرك كېڭىشى يۇقۇمغا قارشى تۇرۇش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش يولىدا قەدەم تاشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈرك تىلىدا سۆزلىشىدىغان دۆلەتلەر ھەمكارلىق كېڭىشى (تۈرك كېڭىشى)دىن ئىگىلىنىشىچە، تۈرك كېڭىشىگە ئەزا ۋە كۆزەتكۈچى دۆلەتلەرنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى ۋە تەتقىقاتچىلار بىلەن  سەھىيە مىنىستىرلىقى ئىلىم – پەن كومىتېتى ئەزالىرىنىڭ ئىشتىراك قىلىشى بىلەن چاقىرىلغان «تۈرك كېڭىشى ساغلاملىق ئىلىمى كومىتېتى» تېلېۋىزىيە يىغىنىدا كوۋىد – 19 غا قارشى ھەمكارلىق ۋە ئىتتىپاقلىقنى كۈچەيتىشنىڭ كونكرېت قەدەملىرى مۇزاكىرە قىلىنغان.

تۈرك كېڭىشىنىڭ باش كاتىپى باغدات ئامرېيېۋ رىياسەتچىلىك قىلغان يىغىندا،  كېڭەشكە ئەزا دۆلەتلەر ئارىسىدا دائىملىق ئورتاق سانلىق مەلۇمات ئامبىرى ۋە يۇقۇم ئەھۋالىنى نازارەت قىلىش سىستېمىسى ئورنىتىش يۇمشاق دېتالىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش توغرىسىدا كېلىشىم ھاسىل قىلىندى.

يىغىندا يەنە،  تۈركىيەنىڭ ئالدىمىزدىكى ئاينىڭ ئىككىنچى يېرىمىدا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ سەھىيە خادىملىرىغا ئىزمېر- ئۇرلادا يۇقۇمغا قارشى تۇرۇش ساھەسىدە تەربىيەلەش لېكسىيەلىرىنى ۋە ھەر خىل تەجرىبە ساھەلىرىدە توردا تەربىيىلەش كۇرسلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇشى قارار قىلىندى.

تۈركىيە سەھىيە مىنىستىرى ياردەمچىسى ئەمىنە ئالپ مەشەمۇ تۈركىيەدە كوۋىد – 19 بىمارلىرىنى داۋالاشتا يولغا قويۇلغان داۋالاش ئۇسۇللىرى، ئىشلىتىلگەن دورىلار ۋە باشقا مەسىلىلەر توغرىسىدا ئەتراپلىق مەلۇمات بەرگەن يىغىننىڭ سوئال – جاۋاب قىسمىدا تۈركىيە ھەيئىتى،  ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ۋەكىللىرىنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسىغا قارشى كۈرەشكە دائىر سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

يىغىندا يەنە، تۈرك كېڭىشى ئىلمىي كومىتېتىنىڭ ئالدىمىزدىكى كۈنلەردىمۇ قەرەللىك يىغىن ئېچىپ تۇرۇشى توغرىسىدا بىردەكلىك ھاسىل قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر